UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئۇرۇشلىرىستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى

ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى

دۇنيا ئۇرۇشلىرى ستالىنگراد سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، ئۇنىڭ ھازىرقى ئىسمى ۋولگوگراد.1942 - يىلى فاشىستىك گېرمانىيە زور تۈركۈمدىكى ئارمىيىنى يۆتكەپ كېلىپ، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىۋېلىشقا ئۇرۇندى. ئىككى تەرەپ بۇ يەردە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك قانلىق جەڭ قىلدى.1942 - يىل7 - ئاينىڭ17 - كۈنى ستالىنگرادنىڭ سىرتىدىكى تۇنجى قېتىملىق كەسكىن ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچى ۋە خىل قورال - جابدۇقلىرىغا تايىنىپ مۇداپىئە لىنىيىسىنى ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ ئۆتۈپ،9 - ئاينىڭ13 - كۈنى شەھەر ئىچىگە باستۇرۇپ كىردى، بۇ چاغدا ئۇرۇش ئەۋجىگە چىقتى. ستالىنگرادنى قوغداۋاتقان ئارمىيە ۋە خەلق ستالىننىڭ «بىر قەدەممۇ چېكىنمەيمىز!» دېگەن چاقىرىقى بىلەن، ئالىقانچىلىك يېرىنىمۇ قوغداش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ھەربىر كوچا، ھەربىر كورپۇس ئۆي، ھەتتا ھەربىر قەۋەتتىكى ھەربىر ئۆيدە دۈشمەن بىلەن قايتا - قايتا ئېلىشىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. سېرژانت پاۋلوۋ رەھبەرلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا دۈشمەننىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى، تانكىلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ تەكرار تۇيۇقسىز زەربىسىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرۈپ، ۋەيران بولۇپ كەتكەن بىر بىنا ئىچىدە ئىككى ئايدىن ئارتۇق چىڭ تۇردى، بۇ بىنا يېڭىۋاشتىن سېلىنغاندىن كېيىن، پاۋلوۋ بىناسى دەپ نام بېرىلدى، بىر ئېگىزلىكنى قوغداۋاتقان11 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت جەڭچى ئۆزىدىن30 ھەسسە ئارتۇق دۈشمەنگە توسۇپ زەربە بېرىپ، ھەممىسى مەردلەرچە قۇربان بولدى، كېيىن بۇ ئېگىزلىكنىڭ نامى شەرق مىللىتىنىڭ11 قەھرىمان ئېگىزلىكى دەپ ئاتالدى. پۈتۈن بىر شەھەر ئوت دېڭىزىغا ۋە خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، قەھرىمانلار دەريا بويىدىكى تار ھەم ئۇزۇن بەلۋاغنى ۋە بىرقانچە مۇھىم بازىنى تاكى ئەڭ ئاخىرغا قەدەر مەھكەم تىزگىنلەپ تۇردى، گىتلېر بۇ شەھەرنى باشتىن - ئاخىر پۈتۈنلەي ئىشغال قىلالمىدى. باتۇر قوغدىغۇچىلار كۆپلىگەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، قايتۇرما ھۇجۇم ئۈچۈن ۋاقىت ھازىرلىدى.11 - ئاينىڭ19 - كۈنى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ زور بىر تۈركۈم جانلىق كۈچى قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلاپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى قورشاش چەمبىرىكىنى تەشكىللىدى. كەسكىن جەڭ ئارقىلىق1943 - يىل2 - ئاينىڭ2 - كۈنىگە كەلگەندە قورشاۋدا قالغان گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ330 مىڭ ئادىمىنى تولۇق يوقاتتى. ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە2 - دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فاشىستىك گېرمانىيىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇم قوزغىغۇدەك مادارى قالمىغانلىقتىن، ئىستراتېگىيىلىك مۇداپىئە ۋە چېكىنىشكە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ھالاكىتىدىن بېشارەت بېرەتتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئۇرۇشلىرى