UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئۇرۇشلىرىۋېردېن جېڭى

ۋېردېن جېڭى

دۇنيا ئۇرۇشلىرى ۋېردېن جېڭى1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور، ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق ئۇرۇشلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا1 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيە ئارمىيىسى غەربىي سەپتە ھۇجۇم باسقۇچىغا ئۆتتى، بۇ ئەڭ ئاخىر تارمار قىلىنغانغا قەدەر داۋاملاشتى.1916 - يىلى1 - دۇنيا ئۇرۇشى3 - يىلىغا قەدەم قويۇپ، ئىككى چوڭ جاھانگىرلىك گۇرۇھىنىڭ قىرغىنچىلىقى جىددىيلەشتى. گېرمانىيە قاتمال ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، فرانسىيىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەربىي بازا ۋېردېنغا ھۇجۇم قىلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشكە جەلپ قىلىشنى قارار قىلىپ، ۋېردېننى «فرانسىيە ئارمىيىسىنى يانجىپ تاشلايدىغان تاش»، «فرانسىيە تەلتۆكۈس قان ئاققۇزىدىغان جاي» غا ئايلاندۇرماقچى بولدى.2 - ئاينىڭ21 - كۈنى بىر مەيدان دەھشەتلىك جەڭ باشلاندى.40 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى يۈزمۇيۈز قىلىنىۋاتقان جەڭ لىنىيىسىدە گېرمانىيە ئارمىيىسى270 مىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى ۋە1400 دىن ئارتۇق زەمبىرەكنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سائىتىگە100 مىڭ پايلىق سۈرئەت بىلەن زەمبىرەك ئوقىنى ۋېردېنغا ئاتتى. بومباردىمان ئون نەچچە سائەت داۋام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ۋېردېن بازىسى رايونىغا1 مىليون پايدىن ئارتۇق زەمبىرەك ئوقى چۈشتى. فرانسىيە بازىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە «ئۆلۈم بەلۋىغى» پەيدا بولدى، پۈتكۈل مۇداپىئە لىنىيىسىنى قويۇق ئىس - تۈتەك ۋە جەڭ ئوتى قاپلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە ئارمىيىسى ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئىككى كۈندىلا10 مىڭدىن ئارتۇق فرانسىيە ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالدى. ۋېردېن كرىزىسىدىن خەۋەر تاپقان فرانسىيىنىڭ باش قوماندانى دەرھال ياردەمچى قوشۇننى كۆپەيتىپ ئەۋەتتى. ۋېردېنغا بارىدىغان تۆمۈريولنى گېرمانىيە ئارمىيىسى زەمبىرەك ئوتى بىلەن قامال قىلىۋالغانلىقتىن، فرانسىيە ئارمىيىسى3900 ماشىنىنى ئىشقا سېلىپ، كېچە - كۈندۈز يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوققا قارىماي،190 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى ئالدىنقى سەپكە يۆتكەپ باردى ھەمدە پېتېننى ۋېردېن قەلئەسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمى شۇنىڭ بىلەن توسۇپ قېلىنىپ، ئىككى تەرەپ كەسكىن سوزۇلما جەڭنى باشلىۋەتتى. ئۇرۇش مەيدانىدا تۇتاش كەتكەن ئورمانلار خۇددى ئورۇلۇۋاتقان بۇغداي ئۈنجىسىدەك يىقىلدى، بىپايان زېمىن خۇددى چوڭقۇر ئاغدۇرۇلغاندەك، ھەممە يەر دۆۋە - دۆۋە جەسەت، ئوق - دورا ۋە قوراللارنىڭ قالدۇقلىرى بىلەن تولدى. ئون ئايغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇش ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى، ئىككى تەرەپتىن يارىلانغان ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى1 مىليونغا يەتتى، شۇڭا كىشىلەر بۇ ئۇرۇشنى «ۋېردېندىكى گۆش قىيما ماشىنىسى» دەپ ئاتىدى.12 - ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمى ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئۇرۇش قىلغۇدەك مادارى قالمىدى ھەم ۋېردېننى ئېلىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى كۆرۈپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى، شۇنىڭ بىلەن، ۋېردېن ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئۇرۇشلىرى