سومما دەرياسى ئۇرۇشى
دۇنيا ئۇرۇشلىرى
سومما دەرياسى ئۇرۇشى1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى چوڭ ھەربىي گۇرۇھنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئانتانتا دۆلەتلىرى ئۇرۇشتا تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتتى.1915
- يىلىنىڭ ئاخىرىلا ئانتانتا دۆلەتلىرى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ بىرلىشىپ سومما دەرياسى ئۇرۇشى قىلىشىنى قارار قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت فرانسىيىنىڭ شىمالىي رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنى بىتچىت قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ۋېردېن ئۇرۇشىنى قوزغاپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ كۆپلىگەن جانلىق كۈچىنى خوراتقان ۋە ئىسكەنجىگە ئالغانلىقتىن،1916 - يىلى7 - ئايدا سومما دەرياسى ئۇرۇشى باشلانغان چاغدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
سومما دەرياسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇھىم ئەسكىرىي كۈچى مۇداپىئە تۈزگەن ئىستىھكام رايونىدۇر. گېرمانىيە ئارمىيىسى سومما دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئېگىزلىكتە گىرەلىشىپ كەتكەن يەر ئاستى ئاكوپ تورى ياساپ، ئاشۇ پۇختا ئىستىھكاملارغا تۇتاشتۇردى. بەزى مۇھىم جايلاردا مۇداپىئە ئاكوپلىرى ھەتتا7 -8 كىلومېتىرغا يەتتى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان مۇداپىئە سىستېمىسىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى يەتتە كۈنگىچە ئېغىر پىلىموت بىلەن توپقا تۇتۇپ، جەمئىي1 مىليون500 مىڭ پاي ئوق چىقاردى.1916
- يىل7 - ئاينىڭ1 - كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى سومما دەرياسىنىڭ شىمالىدا ھۇجۇم قوزغىدى.1 - كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيسىنىڭ60 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى تالاپەتكە ئۇچرىدى.7 - ئاينىڭ17 - كۈنىگە بارغاندا ئەنگلىيە ئارمىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىگە ئاران ئۈچ كىلومېتىرلا ئىلگىرىلەپ كىرەلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش تىركىشىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى.9 - ئاينىڭ باشلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن سومما دەرياسى ئۇرۇشىنىڭ2 - باسقۇچلۇق ھۇجۇمى باشلاندى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى تۇنجى بولۇپ36 تانكا چىقاردى، ئۇزاق ئۆتمەي گېرمانىيە ئارمىيىسى تانكىغا قارشى زەمبىرەك كەشىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ جان تىكىپ ئېلىشتى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى يەنىلا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۇزۇپ تاشلىيالمىدى. ئۇرۇش11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توختاپ قالدى، تۆت ئاي داۋاملاشقان سومما دەرياسى ئۇرۇشىدا قىسقىغىنە40 كىلومېتىر جەڭ لىنىيىسىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەخمىنەن453 مىڭ ئادەم چىقىم تارتتى، تالاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى204 مىڭغا يەتتى. گېرمانىيە ئارمىيىسى538 مىڭ ئادەم چىقىم تارتتى. تالاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى500 مىڭغا يەتتى.
ۋېردېن ئۇرۇشى ۋە سومما دەرياسى ئۇرۇشىدا ئىككى تەرەپ ئىنتايىن زور چىقىم تارتتى، گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرەپنىڭ زىيىنى ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولدى. ئۇرۇش تىركىشىش ھالىتىدە تۇرغان بولسىمۇ، ئانتانتا دۆلەتلىرى تەرەپ تەدرىجىي ھالدا ئۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىق ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىدى.