UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئۇرۇشلىرىنورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش

نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش

دۇنيا ئۇرۇشلىرى 1944 - يىل6 - ئاينىڭ5 - كۈنى كەچتە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە فاشىستىك گېرمانىيە كونتروللۇقىدىكى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر فلوت تەشكىللىدى، بۇ فلوت ئىرىلاندىيىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن يولغا چىقىپ، ئېنگلس بوغۇزىدىن ئۆتۈپ دېڭىز ئارقىلىق چېگرىلىنىدىغان فرانسىيىنىڭ نورماندىيە رايونىغا قاراپ يولغا چىقىپ، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇشنى باشلىدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئۇزاق مۇددەت تەييارلىق كۆرگەنىدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرەپ ئەنگلىيىدە يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىسىدىن2 مىليون870 مىڭ ئادەم،13 مىڭ ئايروپىلان،6000 دىن ئارتۇق ھەربىي پاراخوت،800 زەمبىرەك ۋە450 مىڭ ماشىنا توپلىدى. گىتلېر ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،1942 - يىلى9 - ئايدىلا شىمالدا نود تۇمشۇقىدىن باشلاپ جەنۇبتا ئىسپانىيىنىڭ دېڭىز بويىغىچە «ئاتلانتىك ئوكيان قورغىنى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مۇداپىئە لىنىيىسى قۇردى. بۇ «قورغان» نىڭ ئۇزۇنلۇقى2500 مىل كېلىدۇ، بۇنىڭدا پەقەت نۇقتىلىق مۇداپىئە كۆرۈش چارىسىنىلا قوللىنىشقا بولاتتى، شۇڭا، كۆپلىگەن جايلاردا ئۇزۇنلۇقى ۋە چوڭقۇرلۇقى يۈرۈشلەشمىگەن دالا ئۇرۇشى ئاكوپلىرىلا بار ئىدى. گىتلېر دەسلەپتە ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىيىنى قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان جاي قىلىپ تاللايدۇ دەپ پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر پەيدا قىلغان ھەر خىل ساختا كۆرۈنۈشلەر ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن، ئۇ ئاخىر ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتتى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئېنگلس بوغۇزىدىكى ئەڭ تار بولغان گالې پورتىنى نۇقتىلىق مۇداپىئە رايونى قىلىپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيە بۇ يەرنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىدۇ دەپ پەرەز قىلدى. ئېنگلس بوغۇزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، گالې ئەتراپى قۇرۇقلۇققا چىقىشتا ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جاي ئىدى. بۇ يەر ئىككى قىرغاق ئارىلىقى ئەڭ تار جاي بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر قاتار ياخشى پورتلار بار ئىدى. ئەمما قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ ھەربىي جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن تەقدىردىمۇ، قۇرۇقلۇققا چىققان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسكىرىي كۈچ ئىنتايىن چەكلىك بولغانلىقتىن، دۈشمەن تەرەپنىڭ كۆپلەپ ئەسكەر تۇرغۇزغان رايونىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىنتايىن تەسكە توختايتتى. شۇڭا، قۇرۇقلۇققا چىقىپ قىلىدىغان جەڭدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تولاراق دۈشمەننىڭ دىققەت - ئېتىبارى قوزغالماسلىققا باغلىق ئىدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىيىنى قۇرۇقلۇققا چىقىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن، بىر قاتار قايمۇقتۇرۇش پىلانلىرىنى يولغا قويدى. ئۇلار بىر ساختا قىسىمنى تەشكىللەپ، ئۇنى كېنت ئەتراپىغا جايلاشتۇردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ داڭلىق گېنېرالى باتوننى كېنتقا يۆتكەپ كېلىپ، ئۇ يەردە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېنتتىن كۆپلەپ خەۋەر بېرىپ، ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق شتابىنى كېنتقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، دەيدىغان ساختا كۆرۈنۈشنى پەيدا قىلدى. مۇشۇنداق قايمۇقتۇرۇش پىلانى نەتىجىسىدە، گىتلېر ئاساسىي كۈچى بولغان23 دېۋىزىيىنى فلاندر دېڭىز بويىغا جايلاشتۇردى ھەمدە ئۇ يەردە مۇستەھكەم مۇداپىئە ئاكوبى ياسىدى، ھەتتا ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىنكى يەتتە ھەپتە ئىچىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شتابى بۇ يەنىلا ساختا ھۇجۇم دەپ قارىغانلىقتىن، ئەسكىرىي كۈچىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ كېلەلمىدى.1944 - يىل6 - ئاينىڭ5 - كۈنى كەچتە، ئېنگلس بوغۇزىدا شىددەتلىك بوران چىقىپ يامغۇر يېغىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھاۋا رايى تارماقلىرى ئەتىسى بۇ بوران - يامغۇرنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق شتابى دەرھال كەسكىن ھۆكۈم قىلىپ، ئەسلىدىكى ۋاقىت بويىچە قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلىشنى قارار قىلدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ فلوتى دەھشەتلىك بوران - يامغۇرغا قارىماي يولغا چىقتى.6 - كۈنى تاڭ يورۇغاندىن كېيىن بوران - يامغۇر ئاجىزلاشتى، قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىملار نورماندىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا پەيدا بولدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ مۇشۇنداق كىلىماتتا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇش قىلىشىنى زادىلا مۆلچەرلىمىگەنىدى.7 - ئاينىڭ25 - كۈنى قۇرۇقلۇققا چىققان ساھىل بېشى بازىسى ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى، قۇرۇقلۇققا چىققان ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى1 مىليون450 مىڭغا يەتتى. بۇ ئىنسانىيەت ئۇرۇش تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق قۇرۇقلۇققا چىقىش ھەرىكىتىدۇر.8 - ئاينىڭ15 - كۈنى ئامېرىكا - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى يەنە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى، ئىتتىپاقداش ئارمىيە جەنۇبىي ۋە شىمالىي يولغا بۆلۈنۈپ گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئوڭۇشلۇق ھالدا قىستاپ ھۇجۇم قىلدى.8 - ئاينىڭ25 - كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژنى ئازاد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نورماندىيە ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئۇرۇشلىرى