ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
دۇنيا ئۇرۇشلىرى
2 - دۇنيا ئۇرۇشى گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيىنى مەركەز قىلغان فاشىستلار تاجاۋۇزچىلىق گۇرۇھى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە فاشىستلارغا قارشى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا بولغان يەر شارى دائىرىلىك ئۇرۇشتۇر. بۇ ئۇرۇش1939 - يىل9 - ئاينىڭ1 - كۈنى گېرمانىيە پولشاغا تاجاۋۇز قىلغان چاغدىن باشلىنىپ،1945 - يىل9 - ئاينىڭ2 - كۈنى ياپونىيە تەسلىمنامىگە ئىمزا قويغان ۋاقىتقىچە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ جەمئىي ئالتە يىل داۋاملاشتى، ئۇرۇش ئوتى ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا ۋە شەرقىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى60 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تۇتاشتى. ئۇرۇش دۇنيانى ئىككى چوڭ لاگېرغا بۆلۈۋەتتى، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق يەتتە فاشىست دۆلەت بىر تەرەپ بولسا، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، جۇڭگو قاتارلىق50 نەچچە دۆلەت تۈزۈشكەن فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاق يەنە بىر تەرەپ بولدى.
قىسمەن ئۇرۇشنىڭ ئوتى ئالدى بىلەن ئاسىيادا تۇتاشتى.1931 - يىلى ياپونىيە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋالدى.1935 −1938 - يىللىرى ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيىمۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئىبلىس قولىنى ئېفىئوپىيە، ئىسپانىيە، ئاۋسترىيە، چېخوسلوۋاكىيىگە سۇندى. سىرتقا تاجاۋۇز قىلىش داۋامىدا ئۈچ فاشىست دۆلەت ئاتالمىش ئوق دۆلەتلەر ھەربىي گۇرۇھى بولۇپ ئۇيۇشتى. فاشىستلارنىڭ غالجىرانە تاجاۋۇزى ئالدىدا، جۇڭگو، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خەلقى قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتتى، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر
«تىنچلاندۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ميۇنخېن كېلىشىمى ئىمزالاپ، مۇشۇ ئاجىز دۆلەتلەرنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئۇرۇشتىن قېچىپ سۈلھى قىلماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن فاشىستلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويدى.1939 - يىلى8 - ئايدا گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە بىر - بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى تۈزۈشتى.1939
- يىلى9 - ئايدا گېرمانىيە پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە پولشانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلىتى بولغانلىقتىن، گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن،2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىدى. گېرمانىيە1940 - يىلى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگ، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ياۋروپانىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى.1941 - يىلى6 - ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى تۇيۇقسىزلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلدى. ئىتالىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بەزى رايونلارنى تارتىۋالدى.1937 - يىلىلا ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان ياپونىيە يەنە1941 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى بازىسى بولغان پيورل - خاربور ئارىلىغا يوشۇرۇن زەربە بېرىپ، سىنگاپور، فىلىپپىن، ھىندۇنېزىيە قاتارلىق تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىرمۇنچە دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىۋالدى. ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ كەڭ زېمىنى فاشىستلارنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالدى.
گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ھەممە جايدا تاجاۋۇزچىلىق قىلغانلىقتىن، ئۇلار دۇنيا خەلقىنىڭ مۇھاسىرە چەمبىرىكىگە چۈشۈپ قالدى.1942 - يىلى1 - ئايدا ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، جۇڭگو قاتارلىق26 دۆلەتتىن تەشكىل قىلىنغان فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاق بىرلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلدى. شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدا بىر مۇھىم جەڭ، يەنى ستالىنگراد جېڭى بولدى. بۇ جەڭنىڭ غەلىبىسى2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جەڭ ۋەزىيىتىدە تۈپ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فاشىستىك دۆلەتلەر قۇدرەت تېپىشتىن زاۋاللىققا يۈزلەندى، فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاق بارغانسېرى باتۇرلۇق كۆرسەتتى، ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايونلاردىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.1943 - يىلى ئىتالىيە ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا چىدىماي ئالدى بىلەن تەسلىم بولدى.1944 - يىلى6 - ئايدا ياۋروپا2 - جەڭ مەيدانى فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئېچىلدى، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسى ۋە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ قىستاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ چاك - چېكىدىن گۇمران بولدى، شۇنىڭ بىلەن1945 - يىل5 - ئاينىڭ8 - كۈنى تەسلىم بولدى. ئەڭ ئاخىرقى فاشىستىك دۆلەت ياپونىيە، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچراپ، ئۇمۇ8 - ئاينىڭ15 - كۈنى تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى،9 - ئاينىڭ2 - كۈنى تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى، شۇنىڭ بىلەن2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشتى.2
- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كۆلىمى1 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كۆلىمىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى، دۇنيادىكى60 نەچچە دۆلەت ۋە ئاھالىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن تۆت قىسمى بۇ ئۇرۇش قاينىمىغا كىردى. ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى50 مىليوندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگودا ئۆلگەن ئادەم سانى20 مىليونغا، گېرمانىيىدە8 مىليونغا، پولشادا6 مىليونغا، ياپونىيىدە3 مىليونغا يەتتى، بىۋاسىتە ماددىي زىيان قىممىتى4 ترىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى.