UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئۇرۇشلىرىسوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇشى

سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇشى

دۇنيا ئۇرۇشلىرى گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا «سوۋېت - گېرمانىيە بىر - بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئەمما تىنچلىقنى شەرتنامە ئارقىلىق قوغداپ قالغىلى بولمىدى. گىتلېرنىڭ شەرتنامە ئىمزالاشتىكى مەقسىتى غەربىي ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماسلىق ئۇچۇنلا ئىدى.1941 - يىلى يازدا گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ياۋرپانىڭ تەڭدىن تولىسىنى دەسسەپ چىقتى، گىتلېر شۇنىڭ بىلەن پۇت - قولىنى رۇسلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇردى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىش جەڭ لايىھىسى »بارباروسا پىلانى« نى يولغا قويدى.6 - ئاينىڭ22 - كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت تۆتتە گېرمانىيە «سوۋېت - گېرمانىيە بىر - بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش قوزغىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشقا سالغان ئەسكىرىي كۈچى جەمئىي190 دېۋىزىيە، يەنى5 مىليوندىن ئارتۇق ئەسكەر (بۇنىڭ ئىچىدە37 دېۋىزىيە ئىتالىيە، رومىنىيە، ۋېنگرىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق بېقىندى دۆلەتلەرنىڭ قوشۇنى ئىدى)،5000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ۋە3700 دىن ئارتۇق تانكا،47 مىڭ زەمبىرەك ئىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئۈچ يولغا بۆلۈندى: شىمالىي يول قىسىملىرى شەرقىي پرۇسسىيىدىن يولغا چىقتى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى لېنىنگراد ئىدى؛ ئوتتۇرا يول قىسىملىرى پولشادىن يولغا چىقتى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى موسكۋا ئىدى؛ جەنۇبىي يول قىسىملىرى پولشا بىلەن رومىنىيىدىن يولغا چىقتى، ئۇلارنىڭ نىشانى كاۋكاز نېفىتلىكى ئىدى. شىمالىي يولدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمى تېز بولدى، ئۇلار7 - ئايدا لېنىنگرادقا قىستاپ باردى،8 - ئايدا لېنىنگرادنى قورشىۋالدى. ئوتتۇرا يولدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسى موسكۋاغا بارىدىغان مۇھىم يول سمولېنسكدا توسۇلۇپ قالدى. سمولېنسك بىرلەشمە ئۇرۇشى ئوتتۇرا يولدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى كېچىكتۈردى. جەنۇبىي يولدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسى كىيېۋ ۋە ئودېسادا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ قەيسىرانە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، گىتلېرنىڭ مۆلچىرىدىكىدەك ئىككى ئاي ئىچىدە ئاغدۇرۇۋېتىلمىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى توسالغۇغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇرۇش لايىھىسىنى ئۆزگەرتىپ،9 - ئايدىن باشلاپ ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ موسكۋاغا ھۇجۇم قىلدى. لېكىن روسىيىدە قەھرىتان قىش كېلىپ قالغانلىقتىن، گېرمانىيە ئارمىيىسى يەنىلا موسكۋا شەھىرى ئەتراپىدا توسۇلۇپ قالدى.12 - ئاينىڭ6 - كۈنى موسكۋا رايونىدىكى قىزىل ئارمىيە قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلىدى.1942 - يىلى2 - ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، قىزىل ئارمىيە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ موسكۋاغا بولغان قورشاۋ ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى موسكۋادا يېڭىلىپ قالغاندىن كېيىن ئۇرۇش لايىھىسىنى يەنە بىر قېتىم تەڭشەپ، ھۇجۇم نىشانىنى جەنۇبىي لىنىيىگە قارىتىپ، بارلىق كۈچىنى توپلاپ ستالىنگرادقا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى سوۋېت - گېرمانىيە جەڭ مەيدانىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇرۇشتۇر. بۇ ئۇرۇش1942 - يىلى7 - ئايدا باشلىنىپ،1943 - يىلى2 - ئايدا ئاخىرلاشتى، نەتىجىدە سوۋېت ئارمىيىسى ستالىنگرادقا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان گېرمانىيە ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. بۇ غەلىبە سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت ئارمىيىسى ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما ھۇجۇم باسقۇچىغا ئۆتتى.1943 - يىلى7 - ئايدا سوۋېت ئارمىيىسى يازلىق ھۇجۇم قوزغىدى.9 - ئايدا دونباسنى قايتۇرۇۋالدى.11 - ئايدا ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنى ئازاد قىلدى. سوۋېت ئارمىيىسى پۈتكۈل يازلىق ھۇجۇم مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ1 مىليون200 مىڭ ئادىمىنى يوقاتتى، گېرمانىيە ئارمىيىسى شۇنىڭ بىلەن سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە مۇداپىئە ھالىتىدە تۇردى.1944 - يىلى1 - ئايدا سوۋېت ئارمىيىسى لېنىنگراد رايونىدا ھۇجۇمنى باشلاپ، گېرمانىيىنىڭ لېنىنگرادنى قوغدايدىغان «مەڭگۈلۈك» مۇداپىئە لىنىيىسىنى تارمار قىلدى،900 كۈندىن ئارتۇق داۋام قىلغان لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. شۇ يىلى6 - ئايدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققاندا، گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ قىستاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ساناقلىقلا كۈن قالغانىدى.10 - ئايدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى دۆلەت چېگرىسىدىن بۆسۈپ چىقتى.1945 - يىلى5 - ئايدا سوۋېت ئارمىيىسى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا ھۇجۇم قىلدى. بىر مەھەل زورلۇق - زومبۇلۇق قىلغان گىتلېر جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆلۈۋالدى، گېرمانىيە فاشىستلىرى شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئۇرۇشلىرى
سوۋېت - گېرمانىيە ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki