UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئۇرۇشلىرىسارايېۋو ۋەقەسى

سارايېۋو ۋەقەسى

دۇنيا ئۇرۇشلىرى 1914 - يىلى يۇگوسلاۋىيىدە يۈز بەرگەن سارايېۋو ۋەقەسى1 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پىلىكى بولۇپ قالدى. سارايېۋودىكى ئابا يولىغا ئورنىتىلغان بىر تاش تاختايدا تا ھازىرغا قەدەر بىر جۈپ ئاياغ ئىزى بار، بۇ ئاياغ ئىزىنىڭ ئەتراپىدىكى تامغا كۆزگە چېلىقىدىغان قىلىپ: «1914 - يىل6 - ئاينىڭ28 - كۈنى17 ياشلىق پرىنتسىپ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئوقى بىلەن خەلقىمىزنىڭ زوراۋانلىققا بولغان قارشىلىقى ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىگەن» دېگەن خەت ئويۇلغان. پرىنتسىپ بوسنىيىدىكى بىر ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلات «ياش بوسنىيە» نىڭ ئەزاسى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن گابورنوچ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ خان ۋارىسى فېردىناندنى قەستلىدى. چۈنكى، گېرمانىيە قوللىغان ئاۋسترىيە بوسنىيىنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن تىغ ئۇچىنى يەنە سېربىيىگە قاراتتى ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچ دائىرىسىنى پۈتكۈل يۇگوسلاۋىيىگە كېڭەيتتى، شاھزادە فېردىناند مۇشۇنداق ھەربىي كۈچلەرنى كېڭەيتىشنىڭ ئاكتىپ قوماندانى بولغانلىقتىن، يۇگوسلاۋىيىدىكى ھەر مىللەت ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولۇپ قالغانىدى.1914 - يىلى6 - ئايدا ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بوسنىيىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ مانېۋىردا پەرەز قىلىنغان دۈشمەن دۆلەت سېربىيە ئىدى. فرانتس ۋە فېردىناند بوسنىيىگە بىۋاسىتە بېرىپ مانېۋىرغا قوماندانلىق قىلدى ھەمدە6 - ئاينىڭ28 - كۈنىنى تاللاپ غەرەزلىك ھالدا قۇتراتقۇلۇق قىلدى، چۈنكى525 يىل ئىلگىرى (1389 - يىلى) سېربىيە ۋە بوسنىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى شۇ كۈنى تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغانىدى.6 - ئاينىڭ28 - كۈنى فېردىناند ئۆزىنىڭ ئايالى سوفىيەنى ئېلىپ ئارمىيىسىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ سارايېۋو شەھىرىنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى زالىغا بارماقچى ئىدى، ئۇ ئابا يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا يوشۇرۇن زەربىگە ئۇچرىدى، ئەمما جېنى ئامان قالدى. فېردىناند ئۆز ئارمىيىسىگە داۋاملىق ئىلگىرىلەش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى، ئۇ ئىلگىرىكى پىلانى بويىچە شەھەر مەمۇرىيىتى زالىغا بېرىپ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن فېردىناند ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شەھەر مەمۇرىيىتى زالىدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ماشىنىسى ئابا يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، پرىنتسىپ بىراقلا ئالدىغا سەكرەپ چىقىپ فېردىناند ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. فېردىناند ئۆلگەندىن كېيىن، ئاللىبۇرۇنلا ئۇرۇش قوزغاشنى پىلانلىغان گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاشنىڭ ئەڭ ياخشى باھانىسى تېپىلدى. گەرچە قاتىل سېربىيىلىك بولمىسىمۇ ھەمدە سېربىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يەنىلا7 - ئاينىڭ23 - كۈنى سېربىيە ھۆكۈمىتىگە شەرتى ئىنتايىن قاتتىق بولغان ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى ھەمدە7 - ئاينىڭ28 - كۈنى سېربىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ياۋروپادىكى بارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن،1 - دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئۇرۇشلىرى