UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئۇرۇشلىرىپيورل - خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش

پيورل - خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش

دۇنيا ئۇرۇشلىرى 1941 - يىل12 - ئاينىڭ7 - كۈنى چەكسىز دولقۇنلۇق تىنچ ئوكياندا ئالتە ئاۋىئاماتكا بىلەن14 جەڭ پاراخوتىدىن تەشكىللەنگەن ياپونىيىنىڭ ھەيۋەتلىك دېڭىز فلوتى12 كۈنلۈك مەخپىي دېڭىز يۈرۈشى ئارقىلىق ھاۋاي تاقىم ئارىلىدىكى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فلوتى بازىسىغا يېقىن جايدا توختىدى. بۇ ئاۋىئاماتكىلاردا قىپقىزىل قۇياش بايرىقىنى بەلگە قىلغان ئايروپىلانلار سىگنال چېلىپ، سەھەردە ئاسمانغا پەرۋاز قىلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم بازىسى پيورل - خاربور پورتىغا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلدى. بۇ دەل يەكشەنبە كۈنى ئىدى، ئامېرىكا جەڭ پاراخوتلىرى پورتتا رەتلىك توختىتىلغان، ئايروپىلانلىرى ئايرودرومدا تىزىلىپ كەتكەن، ئەسكەرلىرى شاد - خۇراملىق بىلەن دەم ئېلىش كۈنىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتقانىدى. رادىئو ئىستانسىسى يېنىك مۇزىكىنى قويۇپ بەرگەنىدى، دېمەك بۇ يەر ئىناقلىق ۋە تىنچلىققا چۆمگەنىدى. ھاۋاي ۋاقتى سائەت 49 :7 دا، ياپونىيىنىڭ183 بومباردىمانچى ئايروپىلانى بۇ يەرنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. شۇ ھامان ھەممە يەرنى قۇلاقنى يارغۇدەك بومبا ئاۋازى قاپلىدى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى بۇنى ئەسلىدە ئالاھىدە ھەربىي مانېۋىر دەپ ئويلىغانىدى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەربىي پاراخوتىنىڭ كۆيۈۋاتقانلىقىنى سەزگەن چاغدىلا ئاندىن ياپونىيىنىڭ پيورل - خاربور پورتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدى. سائەت40 :8 تا، ياپونىيىنىڭ170 ئايروپىلانى يەنە2 - قېتىم قاتتىق بومباردىمان قىلدى. بۇنىڭغا ئۈلگۈرەلمەي قالغان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پارتلاپ چۆكۈپ كەتكەن ۋە زەخىملەنگەن ئاساسلىق پاراخوتى20 نەچچىگە، ئايروپىلانى300 نەچچىگە، ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان ئادىمى3600 گە يەتتى، پورتتىكى تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ ئاساسىي كۈچى تۈگەپ قالغانىدى. ئالاقزادىلىك ئىچىدە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ زەمبىرەك ئوتى ئۆز زېمىنىدىن كەلگەن ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى خاتا ھالدا ياپونىيە ئايروپىلانى دەپ چۈشىنىپ قالغانلىقتىن، ئۇلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈشتەك پاجىئە يۈز بەردى. لېكىن ياپونىيە ئايروپىلانلىرىدىن پەقەت29 ىلا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. ئۇلاردىن تالاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى100 گىمۇ يەتمىدى. پيورل - خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ياپونىيىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى پىلانلىغان ھەرىكىتى ئىدى. ياپونىيە فىلىپپىن، ھىندۇنېزىيە قاتارلىق ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكياندىكى بىرمۇنچە دۆلەتلەرنى ئىگىلىۋېلىش قەستىدە، «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى» نى قۇرۇپ، ئۆز تەسىر كۈچىنى مۇشۇ رايونلارغا سوزماقچى بولغان ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلدى، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىق توسۇقى بولغان ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىنى يوقىتىش قارارىغا كەلدى. ئۇ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش دېگەن نەيرەڭنى ئىشلىتىپ، ئۇرۇش قىلىش مۇددىئاسىنى يوشۇرۇپ، تويۇقسىز ھۇجۇمدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. پيورل - خاربور پورتى ۋەقەسى2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىۋەتتى.12 - ئاينىڭ8 - كۈنى ئامېرىكا ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش لاگېرىغا قاتناشتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئۇرۇشلىرى
پيورل - خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش | UyghurWiki | UyghurWiki