فرانسىيىنىڭ قولدىن كېتىشى
دۇنيا ئۇرۇشلىرى
1939 - يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى پولشانى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، دۇنياغا زومىگەر بولۇشنى قەستلىگەن فاشىستلارنىڭ كاتتىۋېشى گىتلېر دەرھال «سېرىق لايىھە» نى تۈزۈپ، غەربىي ياۋروپادىكى فرانسىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى كۈچەيتتى. ئۇلار ئاشكارا سورۇنلاردا تىنچلىق مۇقامى توۋلاپ، ئەمدىلا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان تاجاۋۇزچى ئارمىيىنى دەم ئالدۇرۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ، ئاستىرتىن يەنە بىر قېتىم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. ئەنگلىيە - فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش قىلىشتىن قورقۇپ، فرانسىيە - گېرمانىيە چېگرىسىدىكى ئۇزۇنلۇقى400 كىلومېتىر كېلىدىغان ماگىنوت مۇداپىئە لىنىيىسىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش خام خىيالىدا بولدى.1939 - يىلى9 - ئايدىن1940 - يىلى4 - ئايغىچە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ياخشى پەيتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقتىن، گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ھەقىقىي ئۇرۇشالمىدى.1940
- يىلى5 - ئايدا كۈچ توپلىۋالغان گېرمانىيە ئارمىيىسى غەربىي ياۋروپاغا ھەدەپ ھۇجۇم قىلدى. ئۇنىڭ ئاساسىي قوشۇنى ماگىنوت مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەسكىرىنى ئىككى يولغا بۆلۈپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قوشنا دۆلەت گوللاندىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىۋالدى ھەمدە فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، فرانسىيىنى ئوتتۇرىدىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسىمغا بۆلۈۋېتىپ، شىمالىي قىسىمدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى ۋە ياردەمگە كەلگەن ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ400 مىڭ ئادىمى دېڭىزغا يېقىن بولغان دۇنكىرك رايونىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىپايان چوڭ دېڭىز، كەينىدە ۋەھشىي ھايۋاندەك قوغلاپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلەر بولغانلىقتىن تارمار قىلىندى.5 - ئاينىڭ27 - كۈنىدىن6 - ئاينىڭ4 - كۈنىگىچە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ھەربىي پاراخوتتىن تارتىپ ئادەتتىكى ياغاچ كېمىگىچە بولۇپ800 دىن ئارتۇق كېمە - پاراخوتنى ئىشقا سېلىپ، ئايروپىلان ۋە زەمبىرەكلەرنىڭ قاتتىق بومباردىمان قىلىشىغا قارىماي توققۇز كېچە - كۈندۈز جاپالىق جەڭ قىلىپ،300 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇنىنى ئەنگلىيىگە چېكىندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ قوشۇن كۆپلىگەن قورال - ياراغلىرىدىن ئايرىلىپ تولۇق يوقىتىلدى. ئارقىدىنلا گېرمانىيە ئارمىيىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى.1 مىليون كىشىلىكتىن ئارتۇق فرانسىيە ئارمىيىسى بىراقلا تارمار قىلىندى.
مىللەت ھالاكەت خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ تەسلىم بولۇپ ۋەتەنگە ساتقۇنلۇق قىلىپ، گىتلېردىن سۈلھى تەلەپ قىلدى.6 - ئاينىڭ22 - كۈنى فرانسىيە پېتېن ھۆكۈمىتى تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى، فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭ بىلەن يوقالدى.3 مىليون كىشىلىك زور قوشۇنغا ئىگە، ياۋروپادىكى1 - نومۇرلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيە چوڭ دۆلىتى دەپ نام ئالغان فرانسىيە ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ ئاجىز، ئىقتىدارسىز بولۇشى ۋە ئاسىيلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن، فاشىستلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.