UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئۇرۇشلىرىبىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

دۇنيا ئۇرۇشلىرى 1914 - يىلى7 - ئايدىن1918 - يىلى11 - ئايغىچە يۈز بەرگەن1 - دۇنيا ئۇرۇشى جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ ئىككى چوڭ گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى دۇنيانى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتۇر. دۇنيادىكى33 دۆلەت، ئاھالىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى (1 مىليارد500 مىليون ئاھالە) بۇ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالغان. بۇ ئۇرۇشنىڭ مەنبەسى ياۋروپادىكى بىر قانچە كاپىتالىستىك كۈچلۈك دۆلەت، يەنى گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، روسىيە، ئىتالىيە ۋە ئاۋستىرىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچ، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئۆزئارا تالاش - تارتىشلاردۇر. مۇشۇنداق تالاش - تارتىش داۋامىدا كېيىن باش كۆتۈرگەن كۈچلۈك دۆلەتلەر ئەينى چاغدىكى دۇنيا تەرتىپىگە رازى بولماي، ئۆز كۈچىگە مۇناسىپ خەلقئارا ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلغان.1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن كۈچلۈك دۆلەت گېرمانىيە ئىدى، ئۇنىڭ پولات - تۆمۈر مەھسۇلاتى ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ پولات - تۆمۈر مەھسۇلاتىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. گېرمانىيىنىڭ گۈللىنىشى قوشنا دۆلەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىگە سالدى. فرانسىيە بىلەن روسىيە ئالدى بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. ئاندىن كېيىن ئەنگلىيە فرانسىيە ۋە روسىيە بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەرتنامە تۈزۈپ، ئۈچ دۆلەت شەرتنامىسىنى ھاسىل قىلدى، بۇ قىسقارتىپ ئانتانتا دۆلەتلىرى دېيىلدى. گېرمانىيە بولسا ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئىتالىيە بىلەن ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقى تۈزدى. بۇ قىسقارتىپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر دېيىلدى. شۇنداق قىلىپ ياۋروپادا بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى ئىككى چوڭ جاھانگىرلىك گۇرۇھى پەيدا بولدى، ئۇرۇش قارا بۇلۇتى پۈتكۈل ياۋروپانىڭ ئاسمىنىنى قاپلاپ كەتتى.1914 - يىل6 - ئاينىڭ28 - كۈنى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ خان ۋارىسى شاھزادە فېردىناند بوسنىيە ۋەتەنپەرۋەر ياشلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى شۇ سەۋەبتىن سېربىيىگە ھۇجۇم قوزغىدى. روسىيە سېربىيىنى قوللىدى، گېرمانىيە ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى قوللىدى، فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە روسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەنلىكتىن، ئۇلارمۇ بۇ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدى. ئىتالىيە دەسلەپتە ئۇرۇش قاينىمىغا كىرمىگەن بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئانتانتا دۆلەتلىرى گۇرۇھىغا قاتناشتى. ياۋروپانىڭ سىرتىدىكى ئامېرىكىمۇ دەسلەپتە ئۇرۇشقا قاتناشمىغانىدى، كېيىن گېرمانىيە چەكسىز يوشۇرۇن پاراخوت ئۇرۇشىنى قوزغىدى دېگەن باھانە بىلەن1917 - يىلى4 - ئايدا گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ياپونىيە1914 - يىلى8 - ئايدا گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئەسكەر چىقىرىپ گېرمانىيىنىڭ جۇڭگودىكى كۈچ دائىرىسى بولغان شەندۇڭ ئۆلكىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى. ئۇرۇش تۆت يىل ئۈچ ئاي داۋاملاشتى. ئاساسلىق جەڭ مەيدانى ياۋروپادا بولدى. ئەڭ ئاخىردا بۇ ئۇرۇش ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى. پۈتكۈل ئۇرۇش داۋامىدا ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ جەمئىي10 مىليوندىن ئارتۇق ئادىمى ئۆلدى، يارىلانغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن20 مىليونغا يەتتى، ئىقتىسادىي زىيان تەخمىنەن270 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئۇرۇش جاھانگىرلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى ئىنقىلابنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولدى.1917 - يىلى روسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلاپ، تۇنجى سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇلدى، دۇنيا تارىخىدا يېڭى چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەردى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئۇرۇشلىرى