گـېرمـانىـيىـنىڭ پـولـشاغا تاجاۋۇز قىلىشى
دۇنيا ئۇرۇشلىرى
1939 - يىل8 - ئاينىڭ31 - كۈنى كېچىدە، گېرمانىيىنىڭ بىر ئېسئېسچىلار ئەترىتى پولشا ھەربىي كىيىمىنى كىيىپ، پولشا ئارمىيىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ گېرمانىيە چېگرىسىدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى «ئىگىلىۋېلىپ»، پولشا تىلىدا گېرمانىيىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن، گىتلېر گېرمانىيە «تاجاۋۇز» غا ئۇچرىدى دەپ جاكارلاپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىگە پولشاغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ.9 - ئاينىڭ1 - كۈنى سەھەردە يولغا چىقىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان1 مىليون500 مىڭ گېرمانىيە ئارمىيىسى،2000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ۋە2000 دىن ئارتۇق تانكا بىلەن ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ »چاقماق ئۇرۇشى« قىلىپ، پولشاغا كەڭ كۆلەمدە بېسىپ كىرىدۇ، پولشانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلىتى بولغان ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە كېلىشىمگە ئاساسەن گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.2 - دۇنيا ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئومۇميۈزلۈك پارتلايدۇ.
پولشا ئارمىيىسى ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشقا ئالدىراپ قالىدۇ،1 - سەپتىكى500 ئايروپىلانى تېخى ئۇچماي تۇرۇپلا ئايرودرومدا پارتلىتىۋېتىلىدۇ، تۈركۈملىگەن ھەربىي ئەشيالار چېكىنىشكە ئۈلگۈرمەستىنلا دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. قىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىپ، قوماندانلىق ئىشلىمەي، مالىماتاڭچىلىققا پېتىپ قالىدۇ. پولشانىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى تانكا باشلامچى بولغان زامانىۋىلاشقان گېرمانىيە ئارمىيىسىنى زادىلا توسۇپ قالالمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا100 دىن ئارتۇق دېۋىزىيىسى بولغان ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئارمىيىسى ئۇرۇش ئېلان قىلغان بولسىمۇ ئۇرۇشماستىن، چېگرىدىكى ئاكوپنىڭ كەينىدە يوشۇرۇنۇۋېلىپ ئەسكەر چىقارمىدى. كىشىلەر ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنى «غەلىتە ئۇرۇش»، «جىمجىت ئۇرۇش» قىلدى دەپ مەسخىرە قىلىشتى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەسكىرىي كۈچىنى يۈرەكلىك ھالدا توپلاپ، پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن ئىلگىرىلىدى.
پولشا ئارمىيە - خەلقى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىنى ئوڭشىيالمىدى.9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پولشا ئارمىيىسى دۈشمەننىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئالدىدا تارمار قىلىندى، ھۆكۈمەت خەلقنى تاشلاپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتتى.28 - كۈنى پايتەخت ۋارشاۋا قولدىن كەتتى. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە تۈزۈشكەن مەخپىي شەرتنامىگە ئاساسەن، پولشا گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىندى.