UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئۇرۇشلىرىمىـدۋېـي ئارىلىدىـكـى چـوڭ دېڭىز ئۇرۇشى

مىـدۋېـي ئارىلىدىـكـى چـوڭ دېڭىز ئۇرۇشى

دۇنيا ئۇرۇشلىرى 1941 - يىلى يۈز بەرگەن پيورل - خاربور پورتى ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيە ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا دېڭىز تىزگىنلەش ھوقۇقى ۋە ھاۋا تىزگىنلەش ھوقۇقىنى بىر مەھەل ئىگىلىۋالدى. ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىرلەشمە فلوتىنىڭ باش قوماندانى بولغان گېنېرال ياموموتوسىئوروكى قارا نىيىتى كۈچىيىپ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى يەنە بىر دېڭىز ھاۋا بازىسى مىدۋېي ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، ياردەمگە كەلگەن ئامېرىكا فلوتىنى، بولۇپمۇ ئاۋىئاماتكىسىنى ئالداپ يوقىتىشنى كۈچىنىڭ بارچە تەشەببۇس قىلدى. ياموموتو تۈزگەن مىدۋبي ئارىلى جەڭ پىلانى ياپونىيىنىڭ بىرلەشمە فلوتىنى ئۈچكە بۆلۈۋەتتى: بىرى، شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، ئالېئۇتىسيان تاقىم ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىش، بۇنىڭدىكى مەقسەت رەقىبىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ۋە قايمۇقتۇرۇش؛ يەنە بىرى، گېنېرال نەنيۈن قوماندانلىقىدىكى ئاۋىئاماتكا ئاساس قىلىنغان فلوت مىدۋبي ئارىلىنى بومباردىمان قىلىپ، قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلىشقا ياردەم بېرىش؛ ياموموتو ئاساسىي فلوتنى باشلاپ مىدۋېي ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياردەمگە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش، لېكىن بۇ قېتىم ياموموتو چوتنى خاتا سوقتى. ئامېرىكا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي كودىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغانىدى ھەم ياموموتونىڭ مۇددىئاسىنى بەش قولدەك بىلەتتى. ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى نىمتىز ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان بارلىق پاراخوتلارنى مىدۋېي ئارىلىغا يۆتكىدى ھەمدە ياپونىيە يەر ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ مۇداپىئە كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى ياموموتونىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى.1942 - يىل6 - ئاينىڭ4 - كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تۇيۇقسىز زەربە بەرمەكچى بولغان ياپونىيە فلوتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچرىدى. نەنيۈن فلوتىنىڭ تۆت ئاۋىئاماتكىسى پۈتۈنلەي غەرق بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئېغىر تىپلىق بىر كرېيسېرمۇ غەرق قىلىندى. ياپونىيە ئارمىيىسى300 نەچچە ئايروپىلان چىقىم تارتتى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىدىن3500 ى ئۆلدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى بىر ئاۋىئاماتكا ۋە بىر قوغلىغۇچى پاراخوت،150 ئايروپىلان چىقىم تارتتى، شۇنىڭدەك307 ئادىمى ئۆلدى. مىدۋېي ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياپونىيە - ئامېرىكا دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى كۈچلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتۈشكە باشلىدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئۇرۇشلىرى
مىـدۋېـي ئارىلىدىـكـى چـوڭ دېڭىز ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki