UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئۇرۇشلىرىياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى

ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشى

دۇنيا ئۇرۇشلىرى 1942 - يىلى6 - ئايدا يۈز بەرگەن مىدۋېي ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدىن كېيىن، تىنچ ئوكيان جەڭ رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ياپونىيە ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۈستۈنلۈكىدىن بارا - بارا مەھرۇم قالدى.1943 - يىلى2 - ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى يەنە گۋادالكانال ئارىلى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىگە ئېرىشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىدا تەدرىجىي ھالدا ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما ھۇجۇم باسقۇچىغا ئۆتتى. لېكىن، گۋادالكانال ئارىلى ئۇرۇشىدىن باشلاپ ياپونىيە ئارمىيىسى يەنىلا تىركىشىپ جان تالاشتى. ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ياپونىيە ئارمىيىسى ئاراللارنى بىر - بىرلەپ تالاشقانلىقتىن، ئۇلارنىڭ تالاپىتى ئېغىر بولۇپلا قالماستىن، جەڭ سۈرئىتىمۇ ئاستا بولدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، دېڭىز ۋە ھاۋادىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ «ئارالدىن ئۆتۈش تاكتىكىسى» نى قوللاندى. بۇ تاكتىكا ئارقىلىق ياپونىيىنىڭ بەزى قاتتىق مۇداپىئە قىلىۋاتقان بازىلىرى (ئاراللىرى) دىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭ يان تەرىپىگە ۋە كەينى تەرىپىگە ھۇجۇم قىلدى، ئاندىن كېيىن يەككە - يېگانە ۋە ياردەمسىز قالغان بۇ بازىلارنى يوقاتتى.1943 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن1944 - يىلى9 - ئايغىچە ئامېرىكا ئارمىيىسى غەربىي جەنۇبىي تىنچ ئوكيان جەڭ رايونىدا سولومون تاقىم ئارىلى قاتارلىق بازىلارنى ئىگىلەپ، ئوتتۇرا تىنچ ئوكيان رايونىدا مارىيانا تاقىم ئارىلى قاتارلىق جايلارنى ئېلىپ، ياپونىيىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مۇداپىئە چەمبىرىكىنى بۆسۈپ تاشلىدى.1944 - يىلى7 - ئايدا تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى قوزغىغان توجوھىدېكى ئىچكى كابىنېتى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى.10 - ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى فىلىپپىنغا باستۇرۇپ كىرىپ، لېيتې دېڭىز ئۇرۇشىدا ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي قوشۇنىنى تارمار قىلدى. شۇنداق قىلىپ ياپونىيە بىلەن شەرقىي جەبۇبىي ئاسىيانىڭ دېڭىز ئۈستى قاتنىشى تولۇق ئۈزۈپ تاشلاندى، ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى پارچىلىنىشقا باشلىدى.1945 - يىلىنىڭ بېشىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە تىنچ ئوكياندىكى ئاراللارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىگىلەپ، ياپونىيىگە ھۇجۇم باشلىدى. ئوكىناۋا ئۇرۇشىدا ياپونىيە «ئۆلۈۋېلىش تاكتىكىسى» نى ياۋۇزلارچە قوللىنىپ، ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرلىك ئالاھىدە ھۇجۇمچى ئەترەتلەرنى تەشكىللىدى، يەنى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىغا ئايروپىلان ھەيدەپ پاراخوت ۋە ئايروپىلانلارغا سوقۇپ پارتلىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇنداق تاكتىكا گەرچە ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداش ئارمىيىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئوكىناۋا يەنىلا1945 - يىلى6 - ئايدا ئىشغال قىلىنىپ، ئۇرۇش ياپونىيە تاقىم ئاراللىرىغا يېقىنلاشتى. مەغلۇپ بولۇش ئالدىدا، ياپونىيە ھۆكۈمران گۇرۇھى يەنىلا قاتتىق جان تالىشىپ، «ئۇرۇشنى قەتئىي تۈردە ئاداققىچە قىلىش» فاڭجېنى ۋە «100 مىليونلىغان ئەزىمەتلەر» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن بۇ چاغدا ئۇلار ھالىدىن كەتكەنىدى.1945 - يىلى7 - ئايدا پادىشاھ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش توختۇتۇش توغرىسىدا مۇراجەت قىلغان بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنى رەت قىلدى.1945 - يىل7 - ئاينىڭ26 - كۈنى ئامېرىكا، جۇڭگو ۋە ئەنگلىيە ياپونىيىنى شەرتسىز تەسلىم قىلىشقا ئۈندەيدىغان «پوتسدام ئاخبارتى» نى ئېلان قىلدى.8 - ئاينىڭ6 - ۋە9 - كۈنى ئامېرىكا خروشىما ئارىلى ۋە ناگاساكى قاتارلىق جايلارغا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئىككى ئاتوم بومبىسى تاشلىدى.8 - ئاينىڭ8 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، سوۋېت ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا كىردى ھەمدە چاۋشيەندە قۇرۇقلۇققا چىقتى، ياپونىيە كانتو ئارمىيىسى تارمار قىلىندى.8 - ئاينىڭ15 - كۈنى ياپونىيە پادىشاھى تەسلىم بولغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.9 - ئاينىڭ2 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ توكيو پورتىدا توختىغان «مىسسۇرى» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىدا ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇپ ئىمزا قويۇش مۇراسىمى رەسىمىي ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئۇرۇشلىرى