UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئۇرۇشلىرىبېرلىننى ئېلىش

بېرلىننى ئېلىش

دۇنيا ئۇرۇشلىرى 1945 - يىلىنىڭ بېشىدا سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسى شەرق ۋە غەرب تەرەپتە گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى.4 - ئاينىڭ باشلىرى سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئەنگلىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قىستاپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسى بېرلىن مەركەز قىلىنغان گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تار ۋە ئۇزۇن جايغا يىغىلىپ قېلىپ، قېچىپ قۇتۇلالماس ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. لېكىن گىتلېر ئۆلۈم ئالدىدا جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن، بارلىق ئەسلىھەرلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، «خارابىگە ئايلاندۇرۇش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش بۇيرۇقى چۈشۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، گېرمانىيىنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونغا ئايرىۋېتىپ، ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇ ئۆزى بېرلىننى چىڭ ساقلاپ ياتتى. بېرلىننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇ1 مىليون ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ بېرلىن ئەتراپىدا ئۈچ قەۋەت مۇداپىئە چەمبىرىكى ياسىدى ھەمدە3300 ئايروپىلان،1500 دىن ئارتۇق تانكا،10 مىڭ زەمبىرەك ۋە مىناميوت توپلاپ، بېرلىننى چىڭ ساقلىماقچى بولدى. بېرلىننى ئېلىش ۋەزىپىسىنى سوۋېت ئارمىيىسى ئۈستىگە ئالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى2 مىليون500 مىڭ ئادەم،41 مىڭ600 زەمبىرەك ۋە مىناميوت،6250 تانكا ۋە زەمبىرەك،7500 ئايروپىلان سەرپ قىلدى، بۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مارشالى ژۇكوۋ قوماندانلىق قىلدى.4 - ئاينىڭ16 - كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتە بېرلىن ئۇرۇشى باشلاندى،19 - كۈنى «بېرلىننىڭ قۇلۇپى» دەپ ئاتىلىدىغان زىلوف ئېگىزلىكىنى ئېلىپ، بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىش دەرۋازىسىنى ئاچتى.4 - ئاينىڭ21 - كۈنى سوۋېت ئارمىيىسى بېرلىننىڭ شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، كوچا ئۇرۇشى قىلدى.4 - ئاينىڭ25 - كۈنى بىلوروسىيىنىڭ1 - يۆنىلىش ئارمىيىسى ۋە ئۇكرائىنانىڭ1 - يۆنىلىش ئارمىيىسى بېرلىن ئەتراپىدىكى پوتىسدامدا ئۇچرىشىپ، بېرلىنغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى. شۇ كۈنى ئۇكرائىنا1 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ يەنە بىر يول قىسمى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ9 - جۈنتۇەنى ئېلبېدا ئۇچرىشىپ، پۈتكۈل گېرمانىيە ئارمىيىسىنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي بۆلەككە ئايرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئارمىيىسى بارلىق كۈچىنى توپلاپ، بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. سوۋېت ئارمىيىسى بېرلىن شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن بولغان كەسكىن كوچا ئۇرۇشىنى ئۆيمۇئۆي ھەم كۆچىمۇكوچا قىلدى، بۇ ئۇرۇش ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى. ئۇلار پارلامېنت بىناسىغا قاتتىق ھۇجۇم قوزغاپ، بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.4 - ئاينىڭ30 - كۈنى پارلامېنت بىناسى قولغا چۈشتى. بىر سائەتتىن كېيىن، گىتلېر زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش يەر ئاستى ئۆيىدە ئۆلۈۋالدى.5 - ئاينىڭ2 - كۈنى بېرلىننى قوغدىغۇچى قىسىم تەسلىم بولدى. سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ بېرلىننى ئېلىشى ياۋروپا جەڭ مەيدانىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.5 - ئاينىڭ4 - كۈنىدىن باشلاپ گېرمانىيە جەڭ مەيدانلىرىدا ئارقا ئارقىدىن تەسلىم بولۇشقا باشلىدى.7 - كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش سەنمۇجاڭى يودېر ئامېرىكا - ئەنگلىيە بىلەن تەسلىمنامە ئىمزالىدى.8 - كۈنى يېرىم كېچىدە گېرمانىيە ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىلى كېتىر قاتارلىق كىشىلەر بېرلىن شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى سوۋېت ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت ۋەكىللىرى ئالدىدا تەسلىمنامىگە شەرتسىز ئىمزا قويدى. شۇنىڭ بىلەن،2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا جەڭ مەيدانىدىكى ئۇرۇشى فاشىستىك گېرمانىيىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئۇرۇشلىرى