UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىدىككېنس

دىككېنس

دۇنيا ئەدەبىياتى دۇنياغا مەشھۇر ئەنگلىيە يازغۇچىسى چارلېز دىككېنس (1812 −1870 - يىللار) پەقەت بىرنەچچە يىللا ئوقۇغان. دادىسى نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغاچقا قەرز ئىشلىرى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولىنىپ قالغان، ئۇ10 يېشىدىن باشلاپلا ھەم ئۇكا - سىڭىللىرىغا قارىغان، ھەم تۈرمىگە بېرىپ دادىسىنى يوقلاپ تۇرغان. ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ بالا ئىشچى بولغان، ئېلان مودېلى بولغان، يەنە ئادۋوكاتلار ئىش ئورنىدا خەت توشۇغۇچى بولغان... دىككېنس تىرىشىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تايىنىپ،1831 - يىلى گېزىتچىلىك ساھەسىگە كىرگەن، دائىم پارلامېنتقا بېرىپ زىيارەت قىلىش، پالاتانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور ۋەقەلەر توغرىسىدىكى مۇنازىرىلىرىنى خاتىرىلەش، ئەمەل سورۇنىدىكى قاراڭغۇلۇق ۋە چىرىكلىكنى ئاڭلاش، كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئاخبارات خىزمىتىنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. دەسلەپتە بەزىبىر پارچە - پۇرات خاتىرىلەرنى يېزىپ يۈرگەن، ئۇسلۇبى يۇمۇرلۇق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى لوندوننىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتى ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن، بۇلار «مېھىر - شەپقەت خاتىرىلىرى» گە كىرگۈزۈلگەن. دىككېنس جەمئىي14 رومان ۋە نۇرغۇن پوۋېست، ھېكايە ۋە فېليەتون، ساياھەت خاتىرىسى، درامىلارنى ئېلان قىلغان. «پىكۋېكنىڭ تەرجىمىھالى» دىككېنسنىڭ مەشھۇر ئەسىرى. روماندا پىكۋېك ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ دوستىنىڭ سەپەردە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئاپتور يۇمۇرىستىك ئۇسلۇب بىلەن ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى خىلمۇخىل ئەقىلگە سىغمايدىغان ۋە بىمەنە، كۈلكىلىك ھادىسىلەرنى پاش قىلغان، بۇ ئەنگلىيە تەنقىدىي رېئالىزملىق رومانلىرىنىڭ تۇنجى نادىر ئەسىرى. «جاپالىق دەۋر» بىلەن «ئىككى شەھەردىكى ھېكايىلەر» دىككېنس ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى رومانى، «جاپالىق دەۋر» دە19 - ئەسىرنىڭ40 -،50 - يىللىرىدىكى ئەنگلىيىدىكى ئۆتكۈر سىنىپىي كۈرەش ۋە ئەمگەك بىلەن ئىش ھەققى مۇناسىۋىتىنىڭ قارىمۇقارشىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، سانائەت كاپىتالىزمىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەمگەكچى خەلققە كەلتۈرگەن ئاپىتى ئېچىپ بېرىلىپ، ئاپتورنىڭ ئەنگلىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا بولغان ھېسداشلىقى ئىپادىلەنگەن. «ئىككى شەھەردىكى ھېكايىلەر» تارىخىي رومان، ئۇنىڭدا فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئىنقىلاب ھارپىسىدا فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دېھقانلارغا قىلغان ئېچىنىشلىق زىيانكەشلىكى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئاپتور ئەنگلىيىنىڭ فرانسىيىدىن ئىبرەت ئېلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئىنسانپەرۋەرلىك پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. بۇ روماندا، ئاپتور فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى ھەققانىي ئىنقىلاب، لېكىن فېئوداللار سىنىپىغا زورلۇق كۈچى بىلەن مۇئامىلە قىلدى، دەپ قارىغان. دىككېنسنىڭ رومانلىرىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى شۇكى، مەزمۇن جەھەتتە، ئىنسانپەرۋەرلىك قارىشىدا تۇرۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش ئاساسىغا ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان رەزىل روھىي دۇنياسىنى پاش قىلغان، ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى مەدھىيىلىگەن. بەدىئىي ئۇسلۇب جەھەتتە، مەسخىرە قىلىش، يۇمۇر، مۇبالىغە ۋاسىتىلىرىنى دائىم قوللىنىپ، پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتقان، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى گەۋدىلىك، ئوبرازى يارقىن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى