UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىزولا

زولا

دۇنيا ئەدەبىياتى 19 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرى فرانسىيىدە پەن - تېخنىكا ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىلىم - پەندىكى تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى تېبابەت، بىئولوگىيە، ئەدەبىيات - سەنئەت پەنلىرىدە قوللىنىلىشقا باشلىدى. زولا (1840 −1902 - يىللار) دەۋر كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، روماندا ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قابىلىيىتىنى نۇقتىلىق يېزىش كېرەك، رومان يېزىش خۇددى تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئىشلىگەنگە ئوخشاش بولۇشى، ئىجتىمائىي قانۇنىيەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇچرىماسلىقى لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئىلمىيلىقى ۋە چىنلىقىنى تەكىتلەپ، تۇرمۇشتىكى بارلىق ئۇششاق ھالقىلارنىمۇ ساپ، ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە بىلەن، قىلچە چۈشۈرۈپ قويماي سۈرەتكە تارتىشى، يازغۇچى جەمئىيەتكە پارتىيە، گۇرۇھلاردىن، سىياسىيدىن ھالقىغان ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى، ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئاشكارىلىماسلىقى ھەم شەيئىلەر ئۈستىدە يەكۈن چىقارماسلىقى كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلدى. زولا فرانسىيە ناتۇرالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىسى. زۇلانىڭ ناتۇرالىزم نەزەرىيىسى ئاساسىدا يازغان دەسلەپكى رومانى «درىدېس راگان» ۋە «مادلاند فېررا» لاردا فىزىئولوگىيىلىك تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ توپتوغرا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ فىزىئولوگىيىنى ئوقۇپ، كېسەللىكلەرگە ئائىت نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى توپلىغان ۋە تەتقىق قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن25 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ،20 روماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ئەسەرنى يازغان، ئۇنىڭغا «روگۇن - ماكار جەمەتى» دەپ نام بەرگەن. بۇ گىگانت ئەسەردە ئايال باش قەھرىمان فېيگ مەركەز قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىككى قېتىم توي قىلىپ تۇغقان ئەۋلادلىرى ئارقىلىق ئىرسىيەت بىلەن مۇھىتنىڭ ئادەمگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىسپاتلىغان. ئەسەرنىڭ تېمىسى ئىنتايىن كەڭ، ئۇ فرانسىيىنىڭ2 - ئىمپېرىيە ۋە3 - جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىشلىرىغا چېتىلىدۇ، ئوتتۇرىغا چىقىدىغان پېرسوناژلار1200 دىن ئاشىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىگە ناتۇرالىزم نەزەرىيىسى تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاپتور19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى فرانسىيىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش كارتىنىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسۋىرلەپ بەرگەن. كىتابنىڭ1 - قىسمى «روگون ماكار جەمەتىنىڭ تەقدىرى» دە ئاساسلىق ناپولېئون Ⅲ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان چاغدىكى ئىنقىلاب بىلەن ئەكسىلئىنقىلابنىڭ كۈرىشى يېزىلىپ، بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ نەپرەتلىك تەلەتى پاش قىلىنغان. «بوزەك» ۋە «پۇل» دا بۇرژۇئازىيە پۇرسەتپەرەسلىرى، تەۋەككۈلچىلىرىنىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسى، سودا ئورنىنىڭ چوڭ دوكالىرىنىڭ ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشى تەسۋىرلەنگەن. «كىچىك قاۋاقخانا» بىر «ئىشچىلار توغرىسىدىكى رومان»، ئۇنىڭدا ھازىرقى زاماندىكى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ كىشىلەرنى جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن غەيرىيلەشتۈرۈپ قويغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ. «بىخ» تا كان رايونى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، فرانسىيە سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈرەشلىرى تەسۋىرلىنىپ، ئاز ساندىكى ئىشچىلارنىڭ چۈشكۈنلۈكى ۋە كۆپ ساندىكى ئىشچىلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «يىمىرىلىش» تە پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى داۋامىدا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ سېدان جېڭىدىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتى تەسۋىرلەنگەن. «روگون - ماكار جەمەتى» دىن كېيىن، زولا يەنە ترىلوگىيە «ئۈچ شەھەر»، تېترالوگىيە «تۆت ئىنجىل» نى يازدى. ئۇنىڭ رومان ئىجادىيىتى بىلەن ناتۇرالىزم نەزەرىيىسى فرانسىيىنىڭ19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى نەچچە10 يىللىق ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
زولا | UyghurWiki | UyghurWiki