شياۋلىن دو شىئېر
دۇنيا ئەدەبىياتى
20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرى ياپونىيە يازغۇچىسى شياۋلىن دوشىئېر(1903 −1933 - يىللىرى) فاشىستلار دەھشەتلىك باستۇرۇۋاتقان يىللاردا، ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، ياپونىيە پرولېتارىياتىنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن قىلغان كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نۇرغۇن شانلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، ياپونىيە پرولېتارىيات ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالدى.
شياۋلىن دوشىئېر ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى چيۇتيەن ناھىيىسىدىكى بىر ئىجارىكەش دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانىسى ئىنتايىن نامرات بولغاچقا، تاغىسنىڭ ياردىمىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئالىي دەرىجىلىك سودا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن.1924 - يىلى بىر بانكا ئۇنى خىزمەتچىلىككە قوبۇل قىلغان، مۇشۇ چاغدا ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلىغان ھەم ئىجارىكەش دېھقانلارنىڭ كۈرەشلىرىگە ۋە ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە مەخپىي قاتناشقان.1933 - يىل2 - ئاينىڭ20 - كۈنى شياۋلىن دوشىئېر بەختكە قارشى ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قېلىپ، شۇ كۈنى كەچتە زىيانكەشلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.1928
- يىلى ئۇ داڭلىق پوۋېستى «1928 - يىل3 - ئاينىڭ15 - كۈنى» نى ئېلان قىلغان. ئۇ ئاڭلىغان، كۆرگەن ۋە تەكشۈرۈپ ئىگىلىگەن ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ،1928 - يىل3 - ئاينىڭ15 - كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان ۋە ھەربىي، ساقچى، ئىشپىيونلارنى ئەۋەتىپ، ئىنقىلابچىلارنى قولغا ئالغان ۋە زىيانكەشلىك قىلغان جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ، ئىنقىلابچىلارنىڭ قەتئىي تىز پۈكمەيدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىنى مەدھىيىلىگەن. بۇ ئەسەر ھەم شياۋلىن دوشىئېرنىڭ نامىنى چىقارغان ئەسەر، ھەم ياپونىيە پرولېتارىيات ئەدەبىياتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەر.1929
- يىلى3 - ئايدا شياۋلىن دوشىئېر يەنە بىر پوۋېستى »قىسقۇچپاقا تۇتقۇچى كېمە«نى ئىجاد قىلدى، پوۋېستتا «قىسقۇچپاقا تۇتقۇچى كېمە» دىكى بېلىقچىلارنىڭ نازارەتچىنىڭ خورلىشىغا چىدىمىغىنىدىن تارتىپ، تەدرىجىي ئويغىنىپ، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ھەم نازارەتچىنى باش ئەگدۈرۈپ، گۇناھىنى تونۇتقانلىقىنى يېزىپ، ياپون ئىمپېرىيالىزمىنىڭ ئىچكى جەھەتتە ئېكسپىلاتاتسىيە يۈرگۈزگەن شەپقەتسىزلىكى ۋە ۋەھشىيلىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيە خەلقىنىڭ ئېزىشكە قارشىلىق كۆرسەتكەن، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان روھىنى مەدھىيىلىگەن. «قىسقۇچپاقا تۇتقۇچى كېمە» دىن كېيىن، شياۋلىن دوشىئېر يەنە «سىرتتىكى پومېشچىك» نى ئېلان قىلىپ، قوشۇمچە سودا - سانائەت كاپىتالىستى بولغان پومېشچىكلارنىڭ دېھقانلارنى خىلمۇخىل ئالداپ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقىنى ئېچىپ تاشلىغان شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ ئىجارىگە قارشى كۆتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشچىلارنىڭ كۈچلۈك ياردىمىدە غەلىبە قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
«پارتىيە ئۈچۈن ياشىغان كىشى» ناملىق تەرجىمىھال ژانىرىدىكى ھېكايە شياۋلىن دوشىئېرنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، بۇ ئەسەر ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. ھېكايىدە ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىنى قوزغاپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قىلغانلىقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى توسۇش ئۈچۈن، »مەن« بىلەن يىتىڭ، شۈشەن ئۈچ كوممۇنىستنى ۋاقىتلىق ئىشچى سۈپىتىدە بىر ھەربىي لازىمەتلىكلەر زاۋۇتىغا كىرگۈزۈپ، مەخپىي پائالىيەتنى قانات يايدۇرغانلىقى، ئىشچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈرەش قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئەسەردە بۇ بىرنەچچە كوممۇنىستنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ، ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى ئۆتكۈر، مۇرەككەپ سىنپىي زىددىيەت ۋە سىنىپىي كۈرەش چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ ئەسەرگە ياپونىيىدىكى ئوبزورچىلار «ياپونىيە ئەدەبىياتىدا كوممۇنىزمچىلارنىڭ ئوبرازى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان ھېكايە» دەپ باھا بېرىشكەن.
شياۋلىن دوشىئېرنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت خەلقىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئېلىمىزدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا «قىسقۇچپاقا تۇتقۇچى كېمە» نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنغان، دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، «شياۋلىن دوشىئېر ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ۋە ئۇنىڭ كۆپ خىل ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان.