كافكا
دۇنيا ئەدەبىياتى
ئاۋسترىيە يازغۇچىسى فرانز كافكا (1883 −1924 - يىللار) «ئىپادىزم» بەدىئىي ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى، ئۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنە ۋەقەلىك بىلەن مۇتلەق چىن تەپسىلاتنى تەسۋىرلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ گاڭگىرىشىنى ئىپادىلەپ، ھازىرقى زاماندىكى غەرب جەمئىيىتىنىڭ كرىزىسىنى ئېچىپ بەرگەن. ئۇ ئىرېلاندىيىلىك جامېس جويس، فرانسىيىلىك مارسېل پروستلار بىلەن بىللە غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسچىلىرى دەپ ئاتالغان.
كافكا دۇنيا ۋەزىيىتى جىددىي داۋالغۇۋاتقان دەۋردە ياشىغان، ئۇ غەرب جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى كرىزىسىنى كۆرگەن، لېكىن بۇ كرىزىسلارنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تاپالمىغان. ئۇ يېتىمسىرىگەن، ئازابلانغان، ئېچىنغان ۋە ئۆزىدىن ئاغرىنغان، كەيپىياتى ئىنتايىن زىددىيەتلىك بولغان. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە ئادەمنىڭ يېتىمسىرەش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش پسىخىكىسى ياكى ئادەمنىڭ ئېغىر ئېزىلىش ئاستىدا ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئىگىلىيەلمەي، ياتلىشىپ كېتىش ھادىسىسى تەسۋىرلەنگەن، مەزمۇنى ئاجايىپ - غارايىپ. ھېكايە «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى»، رومان «سوراق» مۇشۇنداق ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىگە ياخشى ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
«شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى» دە مال ساتقۇچى گرېگورى سامسالنىڭ چوڭ قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە، قىينىشىغا ئۇچرىغانلىقى، كېيىن يالغۇزلۇقتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھېكايە قىلىنىپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان ياتلىشىش ھادىسىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئادەم ئۆزى ئىجاد قىلغان پۇل، ماشىنا، بايلىق قاتارلىقلارنىڭ ئادەملەر بىلەن قارىمۇ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئادەملەرنى باشقۇرىدىغانلىقىنى، ئادەمنى قۇلغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا، ئادەمنى «كېرەكسىز ئادەم» گە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
«سوراق» ناملىق روماندا بانكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچىسى جۈسېﻒ. K نى بىر كۈنى ئەتىگەندە تۇيۇقسىز سوت گۇناھسىزلا قولغا ئالىدۇ، »جىنايىتى«نىمۇ ئېلان قىلمايدۇ، كېيىن ئۇ ئوخشاشلا ئىشقا بېرىپ، كېلىپ يۈرىدۇ. دەسلەپتە جۈسېﻒ. K بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، بۇ دېلوغا پەرۋا قىلماسلىققا قارار قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ بۇ ئىشنى ئاخىرىغىچە ئۇنتۇيالمايدۇ، ئۆزلۈكىدىن سوتقا بېرىپ تىڭتىڭلايدۇ، بۇ دېلوغا كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرۈپ ساراڭدەكلا بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئادۋوكات تاپىدۇ، سودىيە بىلەن ئالاقىدار رەسسامنى تاپىدۇ، كېيىن چېركاۋدىكى پوپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: قانۇننى تېپىش مۇمكىن ئەمەس، ئادەم پەقەت باش ئېگىپ بويسۇنۇشىلا كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا، سوت ئۇنى گۇناھسىزلا ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ.
ئەسەردە جۈسېﻒ. K نىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق ھەم ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە بيۇروكراتلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ چىرىكلىكى پاش قىلىنغان، ھەم ھازىرقى زامان غەرب جەمئىيىتىنىڭ ياتلىشىش ھادىسىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دەل موشۇنداق بولغاچقا، كافكانىڭ ئەسەرلىرى غەربىي ياۋروپادا ئىتايىن زور ئىنكاس قوزغاپ، ناھايىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆزلىرىگە كېرەكلىك نەرسە − «ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ گاڭگىرىشى» نى تېپىۋالغان.