دىرېيسېر
دۇنيا ئەدەبىياتى
20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئامېرىكا ئەدەبىيات مۇنبىرىنىڭ «نازاكەتلىك ئەنئەنىسى» نى بۇزۇپ تاشلاپ، «ساداقەت، جۈرئەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببەتكە تۇتىشىدىغان» زېمىننى «ئاچقان»، ئامېرىكىنىڭ رېئالىزملىق ئەدەبىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان يازغۇچى تېئودور دىرېيسېر (1871 −1945 - يىللار).
دىرېيسېرنىڭ تۇنجى رومانى «سىڭلىم كاررى» 1900 - يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئەسەردە گۈزەل، زېرەك يېزا قىزى كاررى چېكاگوغا تىرىكچىلىك قىلغىلى كېلىدۇ. ئېغىر ئەمگەك، نامراتلىق ۋە يالغۇزلۇق ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدۇ، جاسارىتىنى سۇندۇرىدۇ. تۇرمۇشنىڭ قىستىشى بىلەن ئۇ بىر ۋاكالىتەن مال ساتقۇچىنىڭ ئاشنىسى بولىدۇ. كېيىن، قاۋاقخانا دىرېكتورى خوسۋۇ بىلەن بىللە تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن قېچىپ كېتىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، خوسۋۇ نامراتلىشىپ كېتىپ، قەلەندەرلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىدا ئۆلىدۇ. كاررى تاسادىپىي پۇرسەتتە داڭلىق ئارتىس بولۇپ قالىدۇ. ئۇ پۇل ۋە ئىمتىيازغا ئىگە بولىدۇ، لېكىن يەنىلا ھەسرەت چېكىپ، ھايات ئىنتايىن مەنىسىز بىلىنىدۇ.
روماندا ئايال باش قەھرىماننىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى ۋە ئارزۇسىنىڭ بەربات بولۇشى ئارقىلىق، كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ گۈللەنگەن تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ ئىشسىزلىق، نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقنى يوشۇرۇپ تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن شۇنداقلا كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە سەمىمىيلىككە ئەمگەككە تايىنىپلا چىقىش يولى تاپقىلى بولمايدىغانلىقى، پۇلنى مەركەز قىلغان جەمئىيەتتە ھەقىقىي بەختلىك تۇرمۇشمۇ بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. رومان ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىللەتلىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇزاق مەزگىل چەكلەنگەن، تاكى1907 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن قايتا نەشر قىلىنغان، دىرېيسېرمۇ10 يىل يېزىقچىلىقنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلىنغان.1911
- يىلىدىن كېيىن، دىرېيسېر ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك سۈرئەت بىلەن يېزىقچىلىققا كىرىشىپ، جېننى قىز، ئىستە ترىلوگىيىسى (ئۇ «سەرراپ»، «گىگانت ئادەم»، «سىدوگى» دىن ئىبارەت ئۈچ روماندىن تەركىب تاپقان)، «تالانت»، «ئامېرىكىنىڭ پاجىئەسى»، «قورغان» قاتارلىق يەتتە روماننى ۋە تۆت ھېكايە توپلىمىنى، يەنە بىرمۇنچە شېئىر، نەسر، سىياسىي ماقالە، سەھنە ئەسەرلىرى توپلاملىرىنى ئېلان قىلغان.
دىرېيسېرنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ئامېرىكىنىڭ پاجىئەسى». روماننىڭ باش قەھرىمانى كلىد گرىففىس كانزاس شەھىرىدىكى بىر نامرات باستىرنىڭ ئوغلى، ئۇ راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىلا ئويلايتتى. كېيىن، تاغىسى ئاچقان كۆڭلەك ياقىسى زاۋۇتىدا ئىش بېشى بولۇپ يۈرۈپ، ئايال ئىشچى روبىتا بىلەن تېپىشىپ قالىدۇ، يەنە چوڭ زاۋۇت خوجايىنىنىڭ قىزى ساندىرانىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ. ئامەتكە ئېرىشىش، ساندىرا بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن، ئۇ قىلتاق قۇرۇپ، ھامىلىدار بولۇپ قالغان روبىتانى كۆلگە چۆكتۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. كلىد گرىففىسنىڭ ئۆزىمۇ مۇشۇ ئىشى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئاپتور كلىد گرىففىسنىڭ پاجىئەسى «ھەقىقىي ئامېرىكا پاجىئەسى» دەپ قارايدۇ. «ئامېرىكىدا بۇنداق ئىشنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ». دىرېيسسېر كلىد گرىففىسنىڭ بىر زېرەك، ساددا بالىدىن قەدەممۇقەدەم چۈشكۈنلىشىپ، ھالاك بولغان جەريانى ئارقىلىق، كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ پۇل مۇناسىۋىتىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادىمىيلىكنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان جىنايىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىدۇ ۋە تەنقىد قىلىدۇ. روماندا ئىجتىمائىي مۇھىت كەڭ ھەم چوڭقۇر نامايان قىلىنغان، ھېكايە ۋەقەلىكى چىن، تەسىرلىك بولغاچقا «بىز بۇ بىر ئەۋلادنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئامېرىكا رومانى» دەپ شۆھرەت قازانغان.