شىللېر
دۇنيا ئەدەبىياتى
18 - ئەسىردىكى گېرمانىيىدە شىللېر (1759 −1805 - يىللار) گيوتى بىلەن تەڭ نامى چىققان دراماتورگ ۋە شائىر ئىدى. ئۇ ياشلىق دەۋرىدە دەل مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇپ، ئەركىنلىك ۋە خاراكتېر ئازادلىقى تەلەپ قىلغان «شىددەتلىك بوراندەك ئىلگىرىلەش ھەرىكىتى» گە توغرا كېلىپ، ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغان. ئۇ تۇنجى سەھنە ئەسىرى «قاراقچى» دا فېئودال مۇستەبىتچىلىككە جەڭ ئېلان قىلىش بايرىقىنى ئاشكارا كۆتۈرۈپ چىققان. ئۇنىڭ تېتولىغا «ياۋۇزلارنى يوقىتايلى» دېگەن شوئار ۋە «دورا بىلەن ساقايمىسا تۆمۈر بىلەن؛ تۆمۈر بىلەن ساقايمىسا ئوت بىلەن ساقايتىش كېرەك» دېگەن بېغىشلىما يېزىلغانىدى.
«قاراقچى» نىڭ باش قەھرىمانى كارل گراف مورنىڭ چوڭ ئوغلى، ئۇكىسى فرانتسنىڭ ئارىنى بۇزۇشى بىلەن دادىسى ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاراقچى بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن، ئۇ مال - دۇنيانى بۇلايدىغان مۇتتەھەم ئەمەس، ئۇ غايىلىك، زوراۋان ھاكىمىيەتكە ئۆچ، قانۇننى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئېزىلگەن خەلققە ھېسداشلىق قىلىدۇ شۇنداقلا جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىپ، گېرمانىيىدە بىر جۇمھۇرىيەت قۇرماقچى بولىدۇ. ئۇ دەھشەت سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ھۆكۈمرانلاردىن ئۆچ ئالىدۇ. گەرچە، ئۇ ئاخىرىدا ھۆكۈمەتكە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئارىسىدىكى تەڭسىزلىك، فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ جىنايىتىنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بىر - بىرلەپ ئاشكارىلاپ، كىشىلەرنى ئويغىتىدۇ، كىشىلەرنىڭ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىش تەلىپىنى قوزغايدۇ.
شىللېرنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «سۇيىقەست ۋە مۇھەببەت». سەھنە ئەسىرىدە مەلۇم كىنەزلىكنىڭ ۋەزىرىنىڭ ئوغلى فىدېناند كەمبەغەل مۇزىكانتنىڭ قىزى لۇئىسنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ۋەزىر ئۆزىنىڭ ئوردىدىكى ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئوغلىنى كىنەزنىڭ ئاشنىسى بىلەن توي قىلىشقا قىستايدۇ. فىدېناند قەتئىي ئۇنىمايدۇ. ۋەزىر كاتىپى ۋوئولمىرنىڭ پىلانلىشى بىلەن بىر سۇيىقەست ئورۇنلاشتۇرۇپ، فىدېناندا لۇئىس ساداقەتسىز ئىكەن دېگەن گۇماننى پەيدا قىلماقچى بولىدۇ. فىدېناند تۇزاققا دەسسىگەندىن كېيىن، لۇئىسقا زەھەرئىچكۈزىدۇ، لۇئىس ئۆلۈش ئالدىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېچىپ تاشلايدۇ. فىدېناند پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي، زەھەر ئىچىۋالىدۇ. بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇق سۇيىقەستتە ئۆلۈپ كېتىدۇ، جىنايەتچىمۇ ئاخىر تۈرمىگە كىرىدۇ.
شىللېر بىر مۇھەببەت تراگېدىيىسى ئارقىلىق فېئودال ئاقسۆڭەكلەر بىلەن شەھەر ئاھالىسى سىنىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەتنى، فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ھاياسىز رەھىمسىزلىكى، زەھەرخەندىلىكىنى، شەھەر ئاھالىسى سىنىپىنىڭ دەرىجە تۈزۈمىنىڭ تەڭسىزلىكىگە ۋە فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارغا بولغان نەپرىتىنى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.
شىللېرنىڭ سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتىدىن يەنە ۋاررېنستېيىن، مارىي ستورىياد، ئورېليانلىق قىز، ۋېليام تۇرل ۋە باشقىلار بار. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە خەلقنىڭ قوزغىلىڭى ۋە ئىنقىلابى باش تېما قىلىنىپ، خەلقنى ئازادلىق ئۇرۇشى قىلىپ، فېئودال زوراۋان خاننى ئاغدۇرۇشقا چاقىرىدۇ.