UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىھېمىڭۋاي

ھېمىڭۋاي

دۇنيا ئەدەبىياتى 1954 - يىلى شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا يازغۇچىسى ھېمىڭۋاي (1899 −1961 - يىللار)غا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىپ، ئۇنىڭ «ھازىرقى زامان تەسۋىرىي سەنئىتىدە كامالەتكە يەتكەنلىكى» نى مۇكاپاتلىدى. ھېمىڭۋاي ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدىلا ئەدەبىياتتىكى تالانتىنى ئىپادىلىگەن، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، پراكتىكانت مۇخبىر بولغان.1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى جەڭ مەيدانىدا قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ياۋروپا جەڭ مەيدانىغا بارغان.1919 - يىلى ھېمىڭۋاي پۈتۈن بەدىنى يارىدار بولۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇرۇش ئۇنىڭ بەدىنىدە200 نەچچە پارچە زەمبىرەك ئوقى پارچىسىنى قالدۇرۇپلا قويماستىن، يەنە ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر جاراھەت قالدۇرۇپ، ئۇنى ئارىسالدىلىق، مەنىسىزلىك ۋە ھاڭۋاقتىلىق كەيپىياتىغا چۆمدۈرگەن. قەلبىدىكى بۇرۇقتۇرمىلىقنى چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ رومان يېزىشقا باشلاپ، ئەڭ يىغىنچاق تىل بىلەن ئەڭ ئىخچام ئەسەر يازماقچى بولىدۇ.20 - يىللاردا ئۇ ئارقا - ئارقىدىن ھېكايىلەر توپلىمى «بىزنىڭ دەۋرىمىزدە»، رومان «قۇياش ئوخشاشلا چىقىۋېرىدۇ»، «ئەلۋىدا، قورال - ياراغ» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. «قۇياش ئوخشاشلا چىقىۋېرىدۇ» دا1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋروپادا سەرسان بولۇپ يۈرگەن يىگىت - قىزلار تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا نەپرىتى، قەلبىدىكى جاراھىتىنى چىقىرېۋىتەلمىگەنلىكى، ئىچى پۇشقان، گاڭگىرىغان ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەر باش قەھرىمان جىك بارنىس ئامېرىكىلىق مۇخبىر، ئايال باش قەھرىمان بلايت ئاشلى ئەنگلىيىلىك سېسترا، ئۇرۇش جەريانىدا تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇلار بىر - بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق جىك بارنىس مەجرۇھ بولغاچقا قوشۇلالمايدۇ. جىك بارنىس بلايتنى ئېلىپ بىلىنۇس تاغلىق رايونىغا كېلىپ، دوستلىرى بىلەن بىللە ئوۋ ئوۋلايدۇ، بېلىق تۇتىدۇ ۋە بۇقا سوقۇشتۇرۇشنى كۆرۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ، بەزىدە جېدەللىشىپ، ئۇرۇشىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، ئۇلاردا پەقەتلا مەنىسىزلىك ۋە گاڭگىراشلا قالغانىدى. ئامېرىكىلىق پېشقەدەم يازغۇچى ستېيىن بۇ كىتابقا «سىلەر گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ، ھېمىڭۋاي بۇ مەشھۇر ئەسىرى بىلەن بىللە «گاڭگىرىغان ئەۋلاد» ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان. «ئەلۋىدا، قورال - ياراغ» ھېمىڭۋاينىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، ئۇنىڭدا جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش باش تېما قىلىنغان. باش قەھرىمان ھېنىرى1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكا پىدائىيلار ئارمىيىسىنىڭ لېيتېنانتى، ئىتالىيىدىكى ئالدىنىقى سەپتە يارىدار بولغان، دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىنىدا، ئەنگلىيىلىك سېسترا كاتىرىننا بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ. ئۇ قىسىمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق چېكىنىش يولىدا ئىتالىيە ئارمىيىسى ئۇنى گېرمانىيىنىڭ جاسۇسى دەپ تۇتۇۋالىدۇ. ھېنىرى ئۆلۈم گىردابىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ، كاتىرىننا بىلەن بىللە بىتەرەپ دۆلەت شۋېتسارىيىگە بارىدۇ. لېكىن، ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمايدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي كاتىرىننا قىيىن تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ، ھېنىرى قاتتىق ھەسرەتلىنىپ، ئۈمىدسىزلىنىدۇ، تۇرمۇشقا ئىشەنچنى يوقىتىدۇ، ئۈمىدسىزلىك، ھەسرەت ۋە يالغۇزلۇق ئىچىدە قالىدۇ. ئۇ ئۇرۇشقا قاتتىق ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ.30 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ھېمىڭۋاي دەۋر تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان «چىلمازارۇ تېغىدىكى قار»، «بارلار ۋە يوقلار»، «ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. «ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى» بىلەن «ئەلۋىدا، قورال - ياراغ» دېگەن ئەسەرلىرى ھازىرقى زامان دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.50 - يىللاردا ھېمىڭۋاي يەنە «دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانلىققا كىرىش» رومانىنى، «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق پوۋېستىنى يازدى. «بوۋاي ۋە دېڭىز» دا بىر بېلىقچى بوۋاينىڭ جان تىكىپ ئېلىشقان ئاجايىپ جاسارىتى مەدھىيىلىنىپ، «ئادەم يوقىتىلىشى مۇمكىن، لېكىن مەغلۇپ بولمايدۇ» دېگەن ئۇلۇغ روھ گەۋدىلەندۈرۈلگەن. كىشىلەر ئۇنى ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى «قەيسەر» لەر جەمەتىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارىدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
ھېمىڭۋاي | UyghurWiki | UyghurWiki