مىسكىيېۋىچ
دۇنيا ئەدەبىياتى
پولشا شائىرى ئادام مىسكىيېۋىچ (1798 −1855 - يىللار) بىرئىنقىلابچى. ئۇ پىدائىيلار ئارمىيىسىنى تەشكىللەپ، ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە قىساس ئېلىش كۆككە كۆتۈرۈلگەن، ئازادلق تەلەپ قىلىنغان، قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىنغان، لۇشۈن ئۇنى «ئۇ يات مىللەتنىڭ زۇلۇمى ئاستىدىكى پولشانىڭ دەۋر شائىرى» دەپ ماختىغانىدى.
مىسىكىيېۋىچ يات مىللەتنىڭ قۇللۇقى ئاستىدا بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قارشىلىق قىلىش ۋە قىساسكارلىق خاراكتېرى يېتىلگەن. ۋېرنو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا، ئىلغار ئوقۇغۇچىلار تەشكىللىگەن مەخپىي تەشكىلاتقا قاتناشقان ھەم شېئىر ئىجادىيىتىنى باشلىغان.
مىسكىيېۋىچنىڭ نامىنى چىقارغان ئەسىرى «ياشلىققا مەدھىيە»، ئۇنىڭدا ياشلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى مەدھىيىلەنگەن، ياشلار بىرلىشىپ كونا دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى تۇرمۇش يارىتىشقا چاقىرىلغان. بۇ شېئىر ياشلار ئىچىدە كەڭ تارقالغان شۇنداقلا 1830 - يىلىدىكى ۋارشاۋا قوزغىلىڭىدا ناھايىتى زور ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقىلىپ ئېيتىلىدىغان جەڭ مارشىغا ئايلانغان.
شېئىرىي دراما «ئەجدادلار روھىغا زاراخەتمە» نىڭ3 - قىسمى ۋە «تاردۇش ئەپەندى» داستانى مىسكىيېۋىچنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.
«ئەجدادلار روھىغا زاراخەتمە» نىڭ3 - قىسمىدا1823 - يىلى چارروسىيە ھۆكۈمرانلىرى پولشانىڭ ۋەتەنپەرۋەر ياشلىرىنى سوراققا تارتقان ھەقىقىي ۋەقە خاتىرىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ تۈرمىدە قاتتىق جازاغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قەتئىي كۈرەش قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن شۇنداقلا1830 - يىلى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى پولشا خەلقىنى قىرغان جىنايى قىلمىشلىرىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پولشا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تىز پۈكۈپ تەسلىم بولغان، ۋەتەننى سېتىپ ئابرۇيغا ئىگە بولغان نومۇسسىزلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان، شائىرنىڭ ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەرگە چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچلۈكى ئىپادىلەنگەن. شېئىرىي درامىدا، «ئەسلىدە ئاچقىنىمىز تۆمۈر كان ئىدى، يارايتتى پالتا سوقۇپ چار پادىشاھنى چاپقىلى»، «قىساس، قىساس ئال، دۈشمەندىن قانلىق قىساس ئال» قاتارلىق مىسرالىرى ئارقىلىق پولشا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش قەتئىي ئىرادىسىگە ئىلھام بەرگەن. شېئىرىي دراما تەرجىمە قىلىنىپ، جۇڭگوغا تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئەينى چاغدىكى مىللىي مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان جۇڭگو خەلقى، جۈملىدىن ياشلارغا روھىي ئىلھام بەرگەنىدى.
«تاردۇش ئەپەندى» (يەنە بىر نامى «لىتۋادىكى ئاخىرقى زەربە»)دە تاردۇش بىلەن زوشانىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى ئارقىلىق،1812 - يىلى ناپولېئون روسىيىگە تاجاۋۇز قىلغان يىللاردا پولشا ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ ۋەتەننى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن چارروسىيىگە قارشى قىلغان كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئاپتورنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە تالاش - تارتىشقا قارشى تۇرۇپ، خەلقنى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان ئىلغار ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن. شېئىردىكى كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسياتى، چىن لىرىك كەيپىيات ئەينى چاغدا پولشانىڭ نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەرلىرىگە ئىلھام بەرگەن.