UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىبودېنبورك ئائىلىسى

بودېنبورك ئائىلىسى

دۇنيا ئەدەبىياتى 1929 - يىلى شۋېتسىيە خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقاتتى، ئۇنىڭغا ئېرىشكۈچى گېرمانىيە يازغۇچىسى، نەسرچى توماس مۇن (1875 −1955 - يىللار) ئىدى. توماس مۇن1901 - يىلى چوڭ رومانى «بودېنبورك ئائىلىسى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نامى زىلزىلە قوزغىدى. ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئورنى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بەلگىلەندى. «بودېنبورك ئائىلىسى» نىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى «بىر ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشى». ئەسەردە بىر بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدىكى بوۋىسىدىن ئەۋرىسىگىچە بولغان تۆت ئەۋلادنىڭ تارىخى تەسۋىرلىنىپ، گېرمانىيىنىڭ ئەركىن كاپىتالىزمدىن مونوپول كاپىتالىزمغا تەرەققىي قىلىش تارىخىي جەريانى يىغىنچاقلاپ بېرىلگەن. ناپولېئون ئۇرۇشىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن چوڭ ئاشلىق سودىگىرى يۇھان بودېنبورك كۈچلۈك ئىقتىسادىي كۈچكە ۋە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە، ئۇ بىر چوڭ تۇرالغۇنى سېتىۋالغان، دوست - بۇرادەرلىرى كېلىپ ئۇنى تەبرىكلىگەن، لېكىن، ئىككىنچى ئەۋلاد كىچىك يۇھاننىڭ قولىغا ئۆتكەندە بودېنبورك قۇرغان چوڭ ئاشلىق دۇكىنىنىڭ سودىسى سۇسلىشىپلا قالماستىن، بەلكى بىردىنلا بېيىغان ھاگىنشىتروم ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە باشلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىيەتمۇ داۋالغۇپ تۇرغاچقا، بودېنبورك ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى قىيىنلىشىپ قالغان. ئەمما، كىچىك يۇھان كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلغاچقا، ھەر ھالدا ئىگىلىكنى ئاران ساقلاپ قالغان. ئۈچىنچى ئەۋلاد توماسقا كەلگەندە، بودېنبورك ئائىلىسى ھاگىنشىتروم ئائىلىسى بىلەن كەسكىن رىقابەتلىشىدۇ، قايتا - قايتا كۈچ سىنىشىش ئارقىسىدا، ئەڭ ئاخىرىدا بودېنبورك ئائىلىسى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولىدۇ، بىرىنچى ئەۋلاد چوڭ يۇھان سېتىۋالغان تۇرالغۇ ھاگىنشىترومنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.4 - ئەۋلاد توماسنىڭ ئوغلى خاننې، ئۇ كېسەلچان، ئاجىز، يۈرەكسىز، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان بالا، ئاشكارا، يوشۇرۇن پۇت تېپىشىدىغان سودا جەمئىيىتىگىمۇ كىرەلمەيدۇ، بىر - بىرىگە ئورا كولايدىغان مۇناسىۋەتلەرگىمۇ تاقابىل تۇرالمايدۇ، ئاخىرىدا توماس سالدۇرغان يېڭى ئۆيىنىمۇ سېتىۋېتىدۇ. روماننىڭ ئاخىرىدا خاننې بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئاپىسى گاردا قېپقالغان مال - مۈلكىنى ئېلىپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىدۇ، بودېنبورك ئائىلىسىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل گۇمران بولۇشى بىلەن رومان ئاخىرلىشىدۇ. بۇ روماندا مۇھىم سىياسىي ۋەقەلەر ھەرگىز نۇقتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن ھەم سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاشكارا - يوشۇرۇن قورساق سوقۇشتۇرۇشلىرىمۇ بىۋاسىتە تەسۋىرلەنمىگەن، ئۇنىڭدا پەقەت نىكاھ، ئۆلۈم - يېتىم، تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتى قاتارلىق ئادەتتىكى تۇرمۇش ھادىسىلىرىلا تەسۋىرلەنگەن، ئىدىيىۋى مەزمۇنى ناھايىتى چوڭقۇر. توماس مۇننىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، داڭلىقراقلىرىدىن، «ترىستان»، «ئالۋاستى تېغى»، «جوزېف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى»، «مارېئۇ بىلەن سېھىرگەر»، «لۇتتې ۋىمادا»، «دوكتور فائوست» ۋە باشقىلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
بودېنبورك ئائىلىسى | UyghurWiki | UyghurWiki