UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىخۇسەي مارتى

خۇسەي مارتى

دۇنيا ئەدەبىياتى خۇسەي مارتى(1853 −1895 - يىللار) كۇبا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ داھىيسى ھەم كۇبانىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرى ۋە يازغۇچىسى. ئۇ نامرات ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.16 يېشىدىن باشلاپ، كۇبانىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرى ۋە ئەدەبىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا بەل باغلىغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، «ھۆر ۋەتەن» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى، «ۋەتەن گېزىتى» نى چىقىرىپ، ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى كۆككە كۆتۇرگەن، كۇبا ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرغان، قوراللىق قوزغىلاڭنى قوزغىغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان.1895 - يىلى5 - ئايدا ئىسپانىيە ئارمىيىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا بەختكە قارشى قۇربان بولغان. خۇسەي مارتى ئەسەرلىرىدە ئۇ ئۆزى شۇغۇللانغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئوخشاشلا، كۇبانىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداپ، كۇبانى يۇتۇۋېلىش قەستىدە بولغان مۇستەملىكىچىلەرنىڭ خىلمۇخىل جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان. ئۇ: «بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئازابى ۋە خۇشاللىقىنىلا كۈيلەۋەرمەي، بەلكى دۇنياغا پايدىلىق شېئىرلارنى يېزىشىمىز لازىم» دېگەنىدى.1869 - يىلى ئۇ تۇنجى شېئىرىي درامىسى «ئابۇدالا» نى نەشر قىلدۇردى، شېئىردا يىگىت ئابۇدالانىڭ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش داۋامىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق سىياسىي مەيدانى ۋە ئىنقىلابنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان قەتئىي ئېتىقادىنى ئىپادىلىگەن. درامىدا خۇسەي مارتى خەلقنى قوزغىلىپ ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.1889 - يىلى ئۇ يەنە «چىقىشقاقلىق» نى نەشر قىلدۇردى، شائىر يېڭى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ كۇبانى مەڭگۇ قۇللۇقتا تۇتۇشقا كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۇبا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ تەقدىرىدىن چوڭقۇر خاۋاتىرلىنىدۇ. ئۇ كۇبانىڭ ھۆرلۈكى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇقەررەر ھالدا قۇربان بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى، لېكىن، شېئىردا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئۈمىدۋارلىق روھ ئۇرغۇپ، شائىرنىڭ تۇرمۇشنى چەكسىز قىزغىن سۆيىدىغانلىقى ۋە كېلەچەككە بولغان ئىشەنچى گەۋدىلىنىپ، خەلققە ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى چىن، تەبىئىي، ساددا بولۇپ، روشەن خەلق قوشاقلىرى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتە، تىرىشىپ ئىزدىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مودېرنىزملىق شېئىرىيىتىگە يول ئېچىپ بەردى. خۇسەي مارتى ئەۋلادلارغا پەقەت ئېسىل شېئىرلارنىلا مىراس قىلىپ قالدۇرماستىن، يەنە ھېكايە، نەسر ۋە سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنىمۇ قالدۇردى. ھېكايىلىرىدىن «شۇم دوستلۇق» لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مودېرنىزملىق ھېكايىلىرىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارالدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
خۇسەي مارتى | UyghurWiki | UyghurWiki