كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ قامۇسى» ئىنسان كومېدىيىسى»
دۇنيا ئەدەبىياتى
بالزاك (1799 −1850 - يىللار) فرانسىيىنىڭ19 - ئەسىردىكى تەنقىدىي رېئالىزمىنىڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى. ئۇنىڭ «ئىنسان كومېدىيىسى»، «جەمئىيەت قامۇسى» دەپ ئاتالغان، ئۇ91 رومان، پوۋېست، ھېكايىدىن تەشكىل تاپقان،2400 نەچچە پېرسوناژ يېزىلىپ،19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى پۈتكۈل فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇشىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. «ئىنسان كومېدىيىسى» ئاپتورنىڭ، ناپولېئون قىلىچ بىلەن قىلالمىغاننى مەن قەلەم بىلەن ئورۇندايمەن، دېگەن قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
«ئىنسان كومېدىيىسى» «ئۆرپ - ئادەت تەتقىقاتى»، «پەلسەپە تەتقىقاتى» ۋە «ئانالىتىك تەتقىقات» دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى «ئۆرپ - ئادەت تەتقىقاتى»، ئۇ يەنە «شەخسىي تۇرمۇش»، «باشقا ئۆلكىلەر تۇرمۇشى»، «پارىژ تۇرمۇشى»، «سىياسىي تۇرمۇش»، «ھەربىي تۇرمۇش» ۋە «يېزا تۇرمۇشى» دىن ئىبارەت ئالتە قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بالزاكنىڭ «گورىيو بوۋاي»، «پولكوۋنىك شاپپىر»، «يېۋگېنى گىراندى»، «توزۇپ كەتكەن خىياللار» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆرپ - ئادەت تەتقىقاتى تۈرىگە كىرىدۇ.
«ئىنسان كومېدىيىسى» فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ بىر جانلىق، ئوبرازلىق تارىخى، بولۇپمۇ پارىژنىڭ يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىنىڭ رېئالىستىك تارىخى. ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ پۇلىنىڭ ھۇجۇمىدا بارا - بارا زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەمگەكچى خەلقنى دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشقا تايىنىپ بېيىغان جىنايى تارىخى تەسۋىرلەنگەن. «گورىيو بوۋاي» دا پارىژ ئاقسۆڭىكى بوسىيان خانىمنىڭ «200 مىڭ فرانىك قىز مېلى» بار رىستوگراف خانقىزغا تەڭ كېلەلمەي، ماركىز ئارچىدال تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەنلىكى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىنىڭ كۈندىن - كۈنگە زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىردىنلا بېيىغان بۇرژۇئازىيىنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. «قەدىمىي بۇيۇملار تىزىلغان بۆلمە» دە، گراف خانىمنىڭ ئاغزىدىن يالغۇز ئاقسۆڭەكلەر كۈچىنىڭ پات ئارىدا تۈگىشىدىغان ۋەزىيىتى كۆرسىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇرژۇئازىيىنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەۋاتقان رېئاللىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. «گاۋبېساك»، «يېۋگېنى گىراندى»، «نېۋچىنگان بانكىسى» لاردا ئاپتور ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل بۇرژۇئازىيىنى تەسۋىرلىگەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا رەھىمسىز، مەنپەئەتپەرەس، ئەمگەكچى خەلقنى دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشقا تايىنىپ بېيىغان.
«ئىنسان كومېدىيىسى» دە يەنە بۇرژۇئازىيىنىڭ شەخسىيەتچىلىك ۋە ئاچ كۆزلۈك ماھىيىتى پاش قىلىنغان. «گورىيو بوۋاي» دا ئۇنىڭ ئىككى قىزى رەھىمسىزلىك بىلەن ئاتىسىنىڭ پۇل - مېلىنى ئېلىۋالىدۇ، بوۋاي ئاخىرىدا قاق سەنەم بولۇپ قالىدۇ، يەككە - يېگانە ھالدا بىر ۋەيرانە داچىنىڭ بالىخانىسىدا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. «پولكوۋنىك شاپپىر» دا بىر ئايال مال - دۇنيانى دەپ ئۆزىنىڭ ئېرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئېرى قەلەندەر بولۇپ كەتسىمۇ ئۇنى يەنە ياقا يۇرتلارغا قوغلايدۇ. بالزاك بۇنى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇنداق رەزىل قىلمىشلارنى قانۇن تۈگىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
«ئىنسان كومېدىيىسى» دە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقى ۋە بۇرژۇئازىيىنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىسى پاش قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەكچى خەلقنىڭ نامرات تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتى مەدھىيىلەنگەن. «دېھقان» دا بالزاك نىخلۇن ئاتىنى تۆمۈردەك چىڭ، ئالتۇندەك ساپ دەپ سۈپەتلەيدۇ.