فېيلدىنگ
دۇنيا ئەدەبىياتى
18 - ئەسىردىكى ئەنگلىيىدە فېيلدىنگ (1707 −1754 - يىللىرى) رېئالىزملىق رومان ئىجادىيىتىنىڭ بىر يۈرۈش نەزەرىيىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان يازغۇچى. ئۇ رومان جەزمەن رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، مەڭگۈ تەبىئىيلىككە قاتتىق رىئايە قىلىشى لازىم دەپ قاراپ، ئادىمىيلىكنى ۋە ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى تەسۋىرلەپ، «ھەقىقىي ئادىمىيلىك» ئارقىلىق «چاكىنا ئادىمىيلىك» نى تەسىرلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ ئۇ روماندا ئىمكانقەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق غايە ۋە توقۇلما بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىدە بۇ نەزەرىيىلىرىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن گوركىي فېيلدىنگنى «رېئالىزملىق رومانچىلىقنىڭ ئاساسچىسى» دەپ ماختىغانىدى.
فېيلدىنگ گوللاندىيىنىڭ لېيدىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىل ئۆگەنگەن، كېيىن كەسپىي دراماتورگ سالاھىيىتى بىلەن تىياتىرخانىغا سەھنە ئەسىرى يازغان. ئۇ فرانسىيىلىك مولىئېرنىڭ درامىلىرىنى تەرجىمە قىلغان، ئۆزگەرتىپ تۈزگەن، يەنە «دون كىخوت ئەنگلىيىدە»، «باسكۇن» قاتارلىق25 سەھنە ئەسىرىنى يازغان. ئۇ ئەنگلىيىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مەسخىرە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىيانەتچىلىك، چىرىكلىكىنى پاش قىلغانلىقتىن، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ.1737 - يىلى ئەنگلىيە دۆلەت پارلامېنتى ماقۇللىغان «درامىلارنى تەكشۈرۈش قانۇنى» فېيلدىنگنى دراما ئىجادىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ دراما يېزىشتىكى تالانتىنى رومان ئىجادىيىتىگە بۇرايدۇ.1742 - يىلىدىن تارتىپ ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان12 يىل ئىچىدە، ئۇ «داۋىيىلىك جاننسىن ۋېردنىڭ تەرجىمىھالى»، «يۇسىف ئاندىرۇسنىڭ كەچۈرمىشى»، «تاشلاندۇق بالا تام جونىسنىڭ تارىخى» ۋە «ئەمىلىيە» دىن ئىبارەت تۆت روماننى يېزىپ تۈگەتكەن.
«تاشلاندۇق بالا تام جونىسنىڭ تارىخى» فېيلدىنگنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئەسەرنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەسەرنى ئەنگلىيىنىڭ18 - ئەسىردىكى جەمئىيىتىنىڭ نەسرىي ئېپوسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. كىتاب18 باب، پېرسوناژلىرى40 نەچچىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى تاشلاندۇق بالا تام جونىسنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن. تام جونىس نىكاھسىز تۆرەلگەن بالا، تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تاشلىۋېتىلىدۇ. كېيىن، ئاقسۆڭەك جىنكېگىن ئۇنى بېقىۋالىدۇ. جىنكېگىن تام جونىسنى جىيەنى بولىفېر بىلەن بىللە تۇرغۇزىدۇ ھەم ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ تەربىيىلەيدۇ. تام جونىس قورۇق ئىگىسىنىڭ قىزى سوفىيە بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ، بولىفېر بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەسەت قىلىپ، تاغىسى جىنكېگىننىڭ ئالدىدا تام جونىسقا ھاقارەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تام جونىس قوغلىۋېتىلىپ، ھەر يەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ. لوندونغا كەلگەندە ئۇ بىر لۈكچەكنى ئۇرۇپ زەخىملەندۈرۈپ قويغانلىقتىن تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ. سوفىيەنىڭ دادىسى سوفىيەنى بولىفېرگە تېگىشكە مەجبۇرلايدۇ، سوفىيە دادىسىغا قارشىلىق قىلىپ قېچىپ كېتىدۇ، لوندونغا بېرىپ، تام جونىسنى ئىزدەيدۇ. ئاخىرىدا تام جونىسنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلىنىپ، جىنكېگىننىڭ ئۆز سىڭلىسىنىڭ ئەرسىز تۇغقان ئوغلى، بولىفېرنىڭ ئانا بىر، ئاتا باشقا قېرىندىشى بولۇپ چىقىدۇ. كىتاب بولىفېرنىڭ تام جونىسقا قىلغان قەستى پاش بولۇپ، تام جونىس سوفىيە بىلەن توي قىلىپ ئاخىرلىشىدۇ.
روماننىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئىنتايىن كەڭ، ئالدىنقى ئالتە بابتا يېزا يېزىلىدۇ، ئوتتۇرىدىكى ئالتە بابتا يېزىدىن لوندونغا بارغىچە ئارىلىقتىكى ئەھۋال يېزىلىدۇ، ئاخىرقى ئالتە بابتا لوندون يېزىلىدۇ. ئاپتور تۈرلۈك ئوخشىمايدىغان ئادەملەرنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ۋە ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ئارقىلىق، ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى يىغىنچاقلىغان شۇنداقلا ھەر خىل پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ياخشىلىق ھامان يامانلىقتىن غالىب كېلىدۇ، دەيدىغان ئىنسانپەۋەرلىك غايىسىنى ئىپادىلىگەن.
«تاشلاندۇق بالا تام جونىسنىڭ تارىخى» بەدىئىيلىك جەھەتتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئەنگلىيىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى كولېرىج بۇ ئەسەرنىڭ سۇژىتى بارلىق ئەدەبىيات ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل سۇژىتلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ كومپوزىتسىيىسى ئەنگلىيە رومانلىرىنىڭ ئۈلگىسى، دەپ قارىغانىدى.