UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىدون كىخوت رومانى

دون كىخوت رومانى

دۇنيا ئەدەبىياتى 1571 - يىلى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى دېڭىز شەھىرى رېپىندودا غەربىي ياۋروپا خرىستىئان دۆلەتلىرى بىلەن ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان زور دېڭىز ئۇرۇشى پارتلايدۇ. بۇ ئۇرۇش داۋامىدا بىر ئىسپانىيىلىك يىگىت ئىنتايىن قەھرىمانلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئېغىر يارىدار بولىدۇ، سول قولى مېيىپ بولۇپ قالىدۇ. بۇ جەڭچى كېيىنلىكتە دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سالغان سېرۋانتىس (1547 −1616 - يىللار) ئىدى. «دون كىخوت» سېرۋانتىسنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى. روماننىڭ تولۇق نامى »ئاجايىپ غەلىتە خىياللارنى قىلغان ئاقسۆڭەك دون كىخوت. دى. را. مانچۇ«. ئاپتور رېتسارلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ، دون كىخوت بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارى سانچۇنىڭ «رېتسارلىق تارىخى» نى تەسۋىرلەيدۇ. روماننىڭ باش قەھرىمانى دون كىخوت بىر نامرات يېزا ئاقسۆڭىكى، ئۇ رېتسارلىق توغرىسىدىكى ھېكايىلەرگە مەپتۇن بولۇپ قېلىپ، ئاللىقاچان يوقالغان رېتسارلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۆزى يالغۇز، تەڭسىزلىكنى يوقىتىپ، ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇشنى خىيال قىلىدۇ. ئۇ دېھقان سانچۇنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، رېتسارلىققا ئاتلىنىپ، بىرمۇنچە كۈلكىلىك ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ شامال تۈگمىنىنىڭ چاقپەلىكىنى دىۋە دەپ، قوي پادىسىنى ھەربىي قوشۇن دەپ، ئېغىر ئەمگەككە ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنى كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغان رېتسارلار دەپ، ئاق - قارىنى ئايرىماي قالايمىقان قىر - چاپ قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۆزىمۇ يەتكۈدەك ئازاب چېكىدۇ. تاكى ئۇ ئۆلۈپ كېتىدىغان چېغىدىلا ئاندىن ئېسىنى تاپىدۇ، ئاخىرىدا رېتسارلىق توغرىسىدىكى ھېكايىلەردىن قاتتىق يىرگىنىدۇ. بۇ روماندا ئاپتور ئەينى چاغدا ئىسپانىيە جەمئىيىتىدە ئىنتايىن بازار تاپقان رېتسارلىق توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ. خۇددى ئاپتور ئۆزى ئېيتقاندەك: «مېنىڭ ئارزۇيۇم زامانىمىزدىكى كىشىلەرنى تېتىقسىز رېتسارلىق ھېكايىلىرىدىن بىزار قىلىش ... رېتسارلىق ھېكايىلىرىنى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان قىلىۋېتىپ، پاكپاكىز تازىلىۋېتىش.» «دون كىخوت» نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، راستتىنلا رېتسارلىق ھېكايىلىرىنىڭ ئۈنى ئۆچتى، ئىسپانىيىدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىر پارچىمۇ رېتسارلىق ھېكايىسى نەشر قىلىنمىدى. روماندا يەنە دون كىخوتنىڭ رېتسارلىق كەچۈرمىشى ئارقىلىق،16 −17 - ئەسىرلەردىكى ئىسپانىيە جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتلەردىكى ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ھالاكەتكە يۈزلەنگەن ئىسپانىيە پادىشاھلىقىدا ساقلانغان خىلمۇخىل زىددىيەتلەر پاش قىلىنغان، ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ نومۇسسىزلىقى ۋە كاتولىك دىنى جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى، چىرىكلىكى ئەيىبلەنگەن، فېئودال مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان ئەمگەكچى خەلققە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىنغان. بولۇپمۇ ئەسەردە يارىتىلغان سانچۇدىن ئىبارەت بۇ دۇرۇس، ساددا دېھقان ئوبرازى ئاپتورنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش دېموكراتىك تەلىپى ۋە ئادەتتىكى خەلقنىڭ دۆلەتنى باشقۇرالىشى توغرىسىدىكى ئۈمىدى ۋە مەدھىيىسىنى ئىپادىلىگەن. «دون كىخوت» بەدىئىيلىك جەھەتتە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئاپتور يۇمۇر، مۇبالىغىدىن ئىبارەت ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، جىددىيلىك بىلەن كۈلكىلىك، چاكىنىلىق بىلەن ئۇلۇغۋارلىق، تراگېدىيە بىلەن كومېدىيىنى گىرەلەشتۈرۈپ، ئەسەرنى تەڭداشسىز بەدىئىي سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، دون كىخوت بىلەن سانچۇدىن ئىبارەت بۇ ئۆلمەس ئىككى بەدىئىي تىپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان. شۇنىڭدىن كېيىنكى300 نەچچە يىلدىن بۇيان دون كىخوت ئوخشاشمىغان تارىخىي دەۋر، ئوخشاشمىغان دۆلەتلەردە ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، خىيالپەرەس، سۇبيېكتىپچى ئادەملەرنىڭ لەقىمى بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
دون كىخوت رومانى | UyghurWiki | UyghurWiki