فادېيىف
دۇنيا ئەدەبىياتى
سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى فادېيىﻒ (1901 −1956 - يىللار) چىن، ئىنچىكە تەسۋىرلىرى، ھېسسياتلىق قەلىمى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش ۋە ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى قەھرىمانلىرىنى مەدھىيىلىگەن.
فادېيىفنىڭ ئۆزىمۇ بىر قەھرىمان. ئۇ17 يېشىدا بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرىپ، مەخپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان.20 ياش ۋاقتىدا يىراق شەرق پارتىزانلىرىغا قاتناشقان، بىر قېتىملىق ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش جېڭىدە يارىدار بولغان، كېيىن، ھەربىي سەپتىن قايتقان.1927
- يىلى ئۇ «تارمار» رومانىنى پۈتكۈزگەن. ئەسەردە كوممۇنىست لېۋېنسون يىراق شەرق رايونىنىڭ بىر قىزىل ئارمىيە پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ ياپون ئالۋاستىلىرى، ئاق باندىتلار بىلەن قانلىق كۈرەش قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. دۈشمەن كۈچلۈك بولغانلىقتىن، پۈتۈن سەپ بويىچە دېگۈدەك تارمار بولۇپ، پەقەت19 جەڭچىلا قاتمۇقات قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ، يېڭى كۈرەشلەرنى كۈتۈۋالىدۇ.1930 - يىللىرى فادېيىﻒ نۇرغۇن رومان ۋە ھېكايىلەرنى يېزىپ، يىراق شەرق رايونىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، قىزىل ئارمىيە كوماندىرلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى مەدھىيىلىگەن.
«ياش گۋاردىيە» فادېيىفنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. روماندا ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشلارغا ئاساسەن، «ياش گۋاردىيە» نىڭ قەھرىمانلىق پائالىيەتلىرى بەدىئىي ئىپادىلىنىپ، ياش گۋاردىيىنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. رومان ئالدىنقى، كېيىنكى قىسىملارغا بۆلۈنىدۇ.1 - قىسمىدا، نېمىس قاراقچىلىرى كراسنودون شەھىرىگە يېقىنلىشىپ كەلگەندە، ياشلارنىڭ مەسلىھەتلىشىپ گۋاردىيە قۇرۇش جەريانى تەسۋىرلىنىپ، ياش بىر ئەۋلادنىڭ كۆكرەك كېرىپ چىقىپ گېرمانىيە فاشىستلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىنقىلابىي جاسارىتى ئىپادىلەنگەن، ياشلارنىڭ قانغا قان، جانغا جان ئېلىپ، فاشىستلاردىن قىساس ئالغان كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن.2 - قىسمىدا، گۋاردىيىنىڭ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۈشمەنگە خۇددى يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك پەيدا بولۇپ ۋە بىردىنلا غايىب بولۇپ زەربە بەرگەنلىكى، كېيىن خائىننىڭ سېتىۋېتىشى بىلەن مۇتلەق كۆپچىلىك گۋاردىيىچىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقى، پەقەت سەككىز ئادەملا قۇتۇلۇپ قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.