ئاندېرسىن
دۇنيا ئەدەبىياتى
ئاندېرسىن (1805 −1875 - يىللار) دوستىغا يازغان خېتىدە ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى مۇنداق دەپ يازغانىدى: كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن چۆچەك يازىمەن شۇنداقلا چوڭلارنىمۇ ئۇنتۇمىدىم، ئۇلارمۇ بۇنىڭدىن تەربىيە ئالسۇن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ جەمئىي168 پارچە چۆچەك ۋە ھېكايە يېزىپ، دۇنيادىكى مىليونلىغان بالىلارنى ۋە ئاتا - ئانىلارنى مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى ھەم شىمالىي ياۋروپا ئەدەبىياتىغا ھۆسن قوشتى.
ئاندېرسىن دانىيىدە بىر نامراتلار رايونىدا تۇغۇلغان. دادىسى نامرات موزدۇز، ئاپىسى كىرچى ئىدى. نامرات ئۆتكەن ئۆسمۈرلۈك ئاندېرسىنغا خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇردى. ئۇ شېئىر، دراما، ساياھەت خاتىرىسى، ھېكايە يازغان، كېيىن ئۆمۈر بويى زېھنىنى چۆچەك يېزىشقا ئاتىغان.
ئاندېرسىننىڭ چۆچەكلىرى دېموكراتىك ئىدىيە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق»، «سەت ئۆردەك»، «دەرۋازىۋەننىڭ ئوغلى» قاتارلىقلاردا ھەم نامرات كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن، ھەم ئۆزىنىڭ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، پاكلىقى قاتارلىق ئالىيجاناب پەزىلىتىنى مەدھىيىلىگەن. «قار مەلىكە« قاتارلىقلاردا ئاپتورنىڭ ئىنسانلارنىڭ غايىسىگە بولغان ئۈمىدۋار پوزىتسىيىسى، چىنلىق، پاكلىق، گۈزەللىكنىڭ ئاخىر غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسى ئىپادىلەنگەن. «باغۋەن بىلەن خوجايىن» دا بىر ۋەتەنپەرۋەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا مەدھىيە ئوقۇلغان. يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە ۋەھشىي، ئاچ كۆز، ساختىپەز، ئەخمەق ئېكسپىلاتاتورلار بىلەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار غەزەپ بىلەن قامچىلىنىپ، دىنىي جەمئىيەت روھانىيلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ خىلمۇخىل يامان ئىللەتلىرى پاش قىلىنىدۇ. مەسىلەن، «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» دە پادىشاھنىڭ ھاماقەتلىكى، ناقابىللىقى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ تەخسىكەشلىكى ئاچچىق ھەجۋىي قىلىنغان. «بۇلبۇل» ۋە «پۇرچاق ئۈستىدىكى مەلىكە» دە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نادانلىقى ۋە نازۇكلۇقى مەسخىرە قىلىنغان.
ئاندېرسىننىڭ چۆچەكلىرى ساددا، يېڭى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن قانداشلىقى كۈچلۈك. تىلى جانلىق، تەبىئىي، راۋان، گۈزەل، كۈچلۈك سەھرا پۇرىقىغا ئىگە، ئۇ ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ ھەم چوڭلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا لايىق كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى80 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.1919 - يىلى «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق» خەزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، جۇڭگوغا تونۇشتۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن
«ئاندېرسىن چۆچەكلىرى توپلىمى» كۆپ قېتىم نەشر قىلىندى.