پولات قانداق تاۋلاندى
دۇنيا ئەدەبىياتى
«ئىنسان ئۈچۈن ھايات ئەڭ قىممەتلىك. ئۇ كىشىگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ. كىشى ئۆز ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى كېرەككى، ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە، يىللار مەنىسىز ئۆتۈپ كېتىپتۇ دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن، تۇرمۇشتا چاكىنا ئىشلارنى قىلىپ قويۇپتىمەن دەپ خىجىل بولمايدىغان بولسۇن. ئۆلۈش ئالدىدا: پۈتۈن ھاياتىمنى ۋە بارلىق زېھنىمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار ئىشقا − ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىق كۈرىشىگە بېغىشلىدىم، دىيەلىسۇن.» دۇنيادىكى مىڭلىغان، مىليونلىغان ئىلغار ياشلارغا ئىلھام بەرگەن بۇ مەشھۇر سۆز «پولات قانداق تاۋلاندى» رومانىدىن ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئاپتورى سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى ئوستروۋېسكى (1904 −1936 - يىللار).
«پولات قانداق تاۋلاندى» دا ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بىرىنچى ئەۋلاد سوۋېت ياشلىرىنىڭ بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەر ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بىلەن كۈرەش قىلغان ئىش ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن. باش قەھرىمان پاۋېل كورچاگىن ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن تارتىپلا جاپالىق تۇرمۇشنىڭ جەبرىسىنى يەتكۈدەك تارتقان، ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىدە ئاللىبۇرۇنلا سىنىپىي ئۆچمەنلىكنىڭ ئۇرۇقى بىخ سۈرگەن. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن باشلامچىلىق بىلەن قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، كۆپ قېتىم يارىدار بولغان، ئاخىرىدا يەرلىككە خىزمەتكە ئالمىشىشقا توغرا كەلگەن. كېيىن، ئۇنىڭ يارىسى يامانلىشىپ، پۈتۈن بەدىنى پالەچ، ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياش ئەۋلادلارنى كوممۇنىزم ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەپ، ئۆزىنىڭ «ئۆمۈرنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىك»، «رەزىللىك، پەسلىك قىلماسلىق» قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
«پولات قانداق تاۋلاندى» گەرچە بىر ئاپتوبىئوگرافىك رومان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي ماتېرىياللار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى سوۋېت دەۋرىدىكى مۇنەۋۋەر كىشىلەرنىڭ پەزىلىتىنى مۇجەسسەم قىلغان، پىششىقلاش، تاۋلاش ئارقىلىق، پرولېتارىيات قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. روماندا كىشىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان مونولوگ، ئىبرەتلىك ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر، لىرىك قىستۇرما بايانلار ۋە سالام خەت، كۈندىلىك خاتىرە قاتارلىق كۆپ خىل بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى قوللىنىلىپ، بەدىئىي جەھەتتە ناھايىتى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىنغان.