UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىلافونتايىننىڭ «شېئىرىي مەسەل» ى

لافونتايىننىڭ «شېئىرىي مەسەل» ى

دۇنيا ئەدەبىياتى شېئىر شەكلى بىلەن ئىپادىلەنگەن مەسەل شېئىرىي مەسەل، دېيىلىدۇ.17 - ئەسىردىكى فرانسىيىدە لافونتايىن (1621 −1695 - يىللار) شېئىرىي مەسەل ئارقىلىق فېئودال خانىدانلىقنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ئېچىپ بېرىش، ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ قەبىھلىكىنى ئەيىبلەش، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى تەسۋىرلەشكە ئەڭ ماھىر ئىدى. لافونتايىن بىر كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. موللىئېر، راسىن ۋە فوۋالو قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقتىن، ئەدەبىيات يولىغا قەدەم قويغان.1664 - يىلى لافونتايىن شېئىر ئېلان قىلىشقا باشلىغان،1668 - يىلى «شېئىرىي مەسەل» نىڭ1 - توپلىمىنى ئېلان قىلغان، ئۇ جەمئىي ئالتە باب ئىدى.1694 - يىلىغىچە12 باب،239 شېئىرىي مەسەلنى ئېلان قىلغان. لافونتايىننىڭ شېئىرىي مەسەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىزوپنىڭ قەدىمكى مەسەللىرىدىن ۋە خەلق چۆچەكلىرىدىن ئېلىنىپ، بەدىئىي جەھەتتىن پىششىقلاش ھەم رېئال تۇرمۇش مەزمۇنىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇبنى ياراتقان. ئۇ رەڭگا رەڭ ھايۋانات دۇنياسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئۇنى ئىنسانلار جەمئىيىتىگە سېلىشتۇرغان. مەسىلەن، «بۆرە بىلەن قوزىچاق» ئىزوپنىڭ مەسەللىرىدىن ئېلىنىپ بېيىتىلغان، قوزىچاق بۆرىگە ھەرقانچە يوللۇق گەپ قىلسىمۇ، لېكىن بۆرە بەرىبىر قوزىچاقنى يەۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە تەسۋىرلەنگەن، شېئىردىكى «كۈچلۈكلەرنىڭ باھانىسى مەڭگۈ ئەڭ ياخشى باھانە بولىدۇ» دېگەن مەنتىقلىق ئەقلىيە سۆزى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدىغان ئىجتىمائىي رېئاللىقنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن. «چۈجە خوراز، مۈشۈك ۋە كىچىك چاشقان» دىكى مۈشۈك چاشقاننىڭ ئالدىدا ھەرقانچە مۇلايىم، ئەدەپلىك، مېھرىبان قىياپەتكە كىرىۋالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، نىقابلانغان دۈشمەننىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولىدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالىدۇ. لافونتايىننىڭ شېئىرىي مەسەللىرىدە فېئودال خانىدانلىقنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى ۋە چىرىكلىكى نۇقتىلىق ئېچىپ بېرىلىپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ساختىلىقى، رەھىمسىزلىكى ۋە نومۇسسىزلىقىنى سۆكىدۇ. مەسىلەن، «ۋاباغا ئۇچرىغان ھايۋانلار» دا ياۋايى ھايۋانلار دۇنياسىدا ۋابا تارقالغانلىقى، شىر پادىشاھ مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ، گۇناھى ئەڭ زور بولغانلارنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ۋابانى توسۇپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى يېزىلغان. شىر پادىشاھ يالغان - ياۋىداقتىن ئۆزىنىڭ بىر قوينى ۋە قويچىنى يېگەن گۇناھىنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزىنى خۇددى قۇربانلىق بولۇشقا رازى بولغاندەك كۆرسىتىدۇ، لېكىن خۇشامەتچى تۈلكە شىرغا خۇشامەت قىلىپ، بۇلارنى گۇناھ دېگىلى بولمايدۇ، «قوينى ئېلىپ كېلىپ، راسا چاينىغىنىڭىزنىڭ ئۆزى قوينىڭ يۈز - خاتىرسىنى قىلغانلىقىڭىز بولىدۇ» دەيدۇ. نەتىجىدە، بارلىق ۋەھشىي ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۇناھى يوق بولۇپ چىقىدۇ، پەقەت ياۋاش ئېشەكلا «بىر كاپام» يېشىل ئوتنى يەپ قويغانلىقى ئۈچۈن، «جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان، ئۆلۈمگە مەھكۇم» دەپ قارىلىپ، ئاخىر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. لافونتايىننىڭ يەنە نۇرغۇن شېئىرلىرىدا تۇرمۇشنىڭ پەلسەپىلىك قائىدىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. كىشىلەرگە دوستلۇقنى قەدىرلەش، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈشنى جىكىلەيدۇ. لافونتايىننىڭ «شېئىرىي مەسەل» لىرى ئىخچام، پىششىق، ئوبرازلىرى روشەن، كۈچلۈك دراماتىك پۇراققا ئىگە. ئۇ جانلىق، تېتىك خەلق ئېغىز تىلىنى قوللىنىشقا ماھىر، يېزىلىشى راۋان، تەبىئىي، ۋەزىن ئۆزگىرىشى كۆپ خىل ھەم گۈزەل. لافونتايىننىڭ شېئىرىي مەسەللىرى كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن چىققان مەسەل يازغۇچىلىرىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى