UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىئىزوپ مەسەللىرى

ئىزوپ مەسەللىرى

دۇنيا ئەدەبىياتى «ئىزوپ مەسەللىرى» دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي مەسەللەردۇر. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىر ئەتراپىدا قەدىمكى يۇناندا نەچچە يۈزلىگەن قىسقا مەسەل، ھېكايىلەر كەڭ تارقالغانىدى، ئۇلارنىڭ ئاپتورى ئىزوپ ئىدى. ئىزوپ ئەسلىدە قۇل ئىدى، ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق، مەسەل، ھېكايىلەرنى ئېيتىشقا ئۇستا بولغاچقا، خوجايىنىغا ياراپ قېلىپ، ئازاد بولۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشكەن، لېكىن ھازىرقى ئىزوپ مەسەللىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلار ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققان. «ئىزوپ مەسەللىرى» گە جەمئىي300 −400 كىچىك ھېكايە كىرگۈزۈلگەن، ئۇلاردا ئادەملەشتۈرۈلگەن ھايۋانلار باش پېرسوناژ قىلىنغان. يازغۇچى ھايۋانلار ئارىسىدىكى، ھايۋانلار بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، قۇللار، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئېزىلىشكە قارشى كۈرەش تەجرىبىلىرى ۋە تۇرمۇش ساۋاقلىرىنى ئىپادىلىگەن. بەزىلىرىدە ھۆكۈمرانلار ۋە بايلارنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇقلىرى ئېچىپ تاشلىنىپ ۋە تەنقىد قىلىنىپ، نامرات، ئاجىزلارنىڭ دەرد - ئەلىمىگە ھېسداشلىق قىلىنغان. مەسىلەن، «بۆرە بىلەن قوزىچاق»، «شىر بىلەن ئېشەك» لەردە ئاچ كۆز، ۋەھشىي ھۆكۈمرانلار چىلبۆرە، شىرلارغا ئوخشىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەھشىيلىكى رەھىمسىزلىك بىلەن قامچىلانغان. بەزىلىرىدە ئەقىللىق ئاجىزلارنىڭ ۋەھشىي كۈچلۈكلەرنى يەڭگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن، مەسىلەن، «شىر بىلەن تۈلكە»، «مۈشۈك بىلەن توخۇ» قاتارلىقلاردا ئېزىلگۈچىلەرگە غايەت زور ئىلھام بېرىلىدۇ. نۇرغۇن ئەسەرلەردە چوڭقۇر پەلسەپىۋى قائىدىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن، «دېھقان بىلەن يىلان» دا كىشىلەرگە يىلانغا ئوخشاش ياۋۇز كىشىلەرگە ئىچ ئاغرىتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ «مۈشۈك بىلەن توخۇ» دا دۈشمەننىڭ ساختا ئاق كۆڭۈللۈكىنى تونۇپ يېتىپ، يامان ئادەملەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى تاپىلايدۇ: » ئىت، خوراز ۋە تۈلكە«دە باشقىلارغا زىيان سالغانلار ئاخىرىدا ئۆزىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ھەم ئەقىل - پاراسەتنى ئىشلىتىپ، دۈشمەننى يېڭىش ھەققىدىكى كىنايىنى ئېچىپ بېرىدۇ؛ «دېھقاننىڭ ئوغۇللىرى» دا ئىتتىپاقلىق − كۈچ ئىكەنلىكى، ئىچكى ئارازلىقنىڭ بىر - بىرلەپ زەربىگە ئۇچراشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ؛ «تاشپاقا بىلەن توشقاننىڭ يۈگۈرۈشتە مۇسابىقىلىشىشى»، «تۈلكە بىلەن ئۈزۈم» قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايىلەردىن ئۇزاقتىن بۇيان ئەۋلادلار پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى