»يۇليسېس«
دۇنيا ئەدەبىياتى
20 - ئەسىرنىڭ20 - يىللىرى بىر يېڭىچە رومان «يۇليسېس» ئوتتۇرىغا چىقتى. بەزىلەر ئۇنى بىر «شەھۋانىي كىتاب» دەپ قارىدى؛ بەزىلەر ئۇنى چۈشىنىش قىيىن بولغان «ئىلاھىي كىتاب» دەپ قارىدى. ئەنگلىيە، ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇ كىتابنى سېتىشنى10 يىلغىچە چەكلىدى. كېيىن، كىشىلەر بۇ كىتابنى ۋە يازغۇچىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇ روماننىڭ ئەھمىيىتىنى تەدرىجىي چۈشىنىپ، ئۇنىڭ ئادەم قانداق ياشىشى كېرەكلىكى ۋە قىممەت ئۆلچىمى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر كەسكىن كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئاخىر جامائەتچىلىك تەرىپىدىن مودېرنىزملىق رومانلار ئىچىدىكى مەشھۇر ئەسەر دەپ ئېتىراپ قىلىندى. بۇ يازغۇچى «ئاڭ ئېقىنى» گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىككە ئىگە يازغۇچىسى، ئىرېلاندىيىلىك جامېس جويس (1882 −1941 - يىللار) ئىدى.
جويسنىڭ ئاساسلىق تۆت رومانى بار، ئۇلار: «دۇبلىنلىقلار»، «ياش سەنئەتكارنىڭ پورترېتى»، «يۇليسېس» ۋە «فىننېگىننىڭ تاۋۇتىنى ساقلاش». ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئۆي ئىچىدىكى مۇزىكا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە «ياش قاچقۇن» ناملىق سەھنە ئەسىرى بار. ئۇنىڭ ھەممە ئەسىرىدە دۇبلىن ئارقا كۆرۈنۈش، ئىرېلاندىيىنىڭ تۇرمۇشى دېتال قىلىنغان. ئۇ ئۆمۈر بويى ئىرېلاندىيە خەلقىنىڭ روھىي ئازادلىقى ئۈچۈن «ئەخلاق تارىخىنىڭ بىر بابىنى» يازغان.
«يۇليسېس» جويسنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. روماننىڭ باش قەھرىمانى ياش سەنئەتكار سىتفېن دىدارو، ئېلان ۋاسىتىچىسى لېئوپولد بروم ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى موررې، ئەسەردە دۇبلىنلىك بۇ ئۈچ كىشىنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشى ۋە ھېسسىيات پائالىيىتى بايان قىلىنغان. سىتفېن ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر مەكتەپكە بېرىپ تارىخ دەرسى ئۆتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، دېڭىز ساھىلىنى بويلاپ ئاستا مېڭىپ، تارىخ ۋە پەلسەپە مەسىلىلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ. بروممۇ سائەت سەككىز دە ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن، پوچتىخانىغا بېرىپ قىزىنىڭ بىر قىز دوستىدىن كەلگەن خەتنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن دوستىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، چۈشتە گېزىتخانىغا بېرىپ، ئېلان بېسىش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن، ئاشپۇزۇلغا كىرىدۇ، خېرىدارلارنىڭ تاماق يېيىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرىدۇ، بۇنى كۆرۈپ ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ كېتىدۇ، چۈشتىن كېيىن، قاۋاقخانىغا ۋە كۇتۇپخانىغا بارىدۇ، كۈن ئولتۇراي دېگەندە دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالىدۇ، كەچ سائەت ئوندا ئاياللار تۇغۇت دوختۇرخانىسىدا سىتفېن بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئاندىن سىتفېننى ئۆيگە ئېلىپ كېتىدۇ. يېرىم كېچىدە سىتفېن بروم بىلەن خوشلىشىدۇ. بروم كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلايدۇ، ئۇنىڭ خوتۇنى موررې بروم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلەپ، خىلمۇخىل ئىچكى قەلب پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئاپتور موشۇنداق رېئاللىقنى يېزىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئادەتتىكى ئۈچ ئادەمنىڭ بىر كۈندىكى ئۇششاق پائالىيەتلىرىنى خاتىرىلەپ، دۇبلىننىڭ ئەتىگەندىن كەچكىچە بولغان مەنزىرىسىنى چىنلىق بىلەن ئىنچىكە تەسۋىرلەپ بەرگەن.
رومان ھومېرنىڭ ئېپوسى «ئودىسسا» نىڭ كومپوزىتسىيىسى بويىچە ئۇستىلىق بىلەن تەشكىللىنىپ، باشتىن - ئاخىرغىچە سىمۋوللۇققا ئىگە قىلىنغان. ئاپتور رومانغا «يۇليسېس» دەپ نام بېرىپ، بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنى خاتىرىلىگەن ئېپوس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئاپتور برومنىڭ دۇبلىندە چۆرگىلەپ يۈرگىنىنى قەدىمكى يۇنان قەھرىمانى يۇليسېس(يەنى ئودىسسئۇس)نىڭ ئون يىللىق سەرگەردانلىقىغا سېلىشتۇرغان؛ سىتفېننى يۇليسېسنىڭ ئوغلى تېلماركوسقا؛ موررېنى قەھرىماننىڭ خوتۇنى پېنولۇپېيغا سېلىشتۇرغان. ئاپتور مۇشۇنداق قەدىمكى بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھازىرقى غەرب جەمئىيىتىنىڭ چاكىنىلىقى، چىرىكلىكى ۋە چۈشكۈنلۈكىنى تەكىتلەپ، ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ قۇرۇقلۇقنى ئەكس ئەتتۈرگەن.«يۇليسېس» نىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۆزىگە خاس يېڭى. ئاپتور پېرسوناژنىڭ ئېچىرقىغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۈچەي، ئاشقازانلار لۆمۈلدىگەن چاغدىكىگە ئوخشاش رىتىملىق ئۇسلۇبنى قوللىنىپ ئىپادىلىگەن؛ پاھىشىخانىنىڭ قالايمىقانچىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنى ئارىلاشتۇرۈۋېتىشتەك يېزىش ئۇسۇلىنى قوللانغان؛ پېرسوناژنىڭ مۈگدەك باسقان چاغدىكى پسىخىكىلىق ھالىتىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن،40 بەتلىك ئىچكى ھېسسىيات تەسۋىرى بەرگەن شۇنداقلا، تىنىش بەلگىسى قويماي، جاھانغا داڭلىق بولغان ئاڭ ئېقىنىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان. مۇشۇ يېڭىلىقلار «يۇليسېس» نى ئاڭ ئېقىنىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىگە ئايلاندۇرغان. جويسمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئاڭ ئېقىنى ئەدەبىياتىنىڭ ئۇستىسى ۋە غەرب مودېرنىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.