UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىچاۋتسېر

چاۋتسېر

دۇنيا ئەدەبىياتى چاۋتسېر (1343 −1400 - يىللار) ئەنگلىيىنىڭ گۇمانىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىلى، ئۇ «ئەنگلىيە ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى» دەپ نام ئالغان. ئۇ ئەنگلىيە ئەدەبىياتىنىڭ رېئالىزملىق ئەنئەنىسىنى ياراتقان، شېكېسپېر بىلەن دېككىنسلار ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. چاۋتسېرنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «كانتېربۇرى ھېكايىلىرى». ئاپتور لوندوندىن كانتېربۇرىگە تاۋاپ قىلغىلى كېتىۋاتقان بىر توپ تاۋاپچىنى يولدا ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن نۆۋەت بىلەن ھېكايە ئېيتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،24 ھېكايە يازغان. ئەسەرنىڭ بېشىدا ئومۇمىي مۇقەددىمە بېرىلىپ، تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، تاشقى قىياپىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرى، مىجەز - خاراكتېرى ناھايىتى جانلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ. چەۋەنداز، نۆكەر، پومېشچىك، ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقان، كەمبەغەل دېھقان، راھىب، راھىبە، سودىگەر، دېڭىزچى، ستۇدېنت، قول ھۈنەرۋەن قاتارلىق پېرسوناژلارنى تەسۋىرلەش ۋە سۈرەتلەش ئارقىلىق،14 - ئەسىردىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى چىنلىق بىلەن نامايان قىلىپ بەرگەن، «كانتېربۇرى ھېكايىلىرى» دا مۇقەددەس كۆرۈنىدىغان راھىبلارنىڭ خىلمۇخىل تىلغا ئالغۇسىز سەتچىلىكلىرى بايان قىلىنىپ ۋە پاش قىلىنىپ، مۇھەببەت ئەركىنلىكى، بەختلىك نىكاھ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ ۋە مەدھىيىلىنىپ، گۇمانىزملىق ئىدىيە تەشۋىق قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئاپتورنىڭ جەمئىيەتكە بولغان نەپرىتى ۋە بىزارلىقى تولۇق ئىپادىلەنگەن. چاۋتسېرنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى يۇمۇرلۇق ۋە ساتىرىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇ «سەمىمىيلىك ئادەمدە بولىدىغان ئەڭ ئالىيجاناب نەرسە» دەپ قارايدۇ. ئۇ ئوقۇرمەنلەرگە بىۋاسىتە نەسىھەت قىلماستىن، بەلكى تەربىيىنى كۆڭۈل ئېچىشقا سىڭدۈرۈپ، قامچىلاش ۋە ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا يۇمۇر ۋە مەسخىرە قىلىشنى قوللانغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى جانلىق، ئۇ پېرسوناژلارنى يارىتىشقا ھەم تاشقى قىياپەت ئالاھىدىلىكىنى سۈرەتلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن، ھەم ئىچكى دۇنياسىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئېچىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ئەنگلىيە ئەدەبىيات تارىخىدا چاۋتسېر تۇنجى بولۇپ10 بوغۇملۇق «جۈپ قاپىيىلىك شەكىل» نى قوللانغان شائىر، بۇ شېئىرىي شەكىل ئۇنىڭ يارىتىشى بىلەن «قەھرىمان جۈپ قاپىيە شەكلى» گە ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى