فلوبېر
دۇنيا ئەدەبىياتى
فلوبېر (1821 −1880 - يىللار) فرانسىيىنىڭ19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى تەنقىدىي رېئالىزمچى يازغۇچىسى. ئۇ رومان ئىجادىيىتىدە «ئىلمىي روھ بولۇش» نى تەشەببۇس قىلىپ، توغرا تەسۋىرلەش ۋە ساپ، ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكتىن، ئەدەبىيات تارىخىدا مۇستەقىل بىر بايراق بولۇپ تىكلىنىپ، كېيىنكى يازغۇچىلارغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرغان. ئۇنىڭ مەشھۇر رومانى «بوۋارى خانىم» دا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت نەزەرىيىسىنى ۋە ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇبىنى مەركەزلىك ۋە مۇكەممەل گەۋدىلەندۈرگەن. شۇڭلاشقا، فرانسىيە يازغۇچىسى زولا ئۇنى «يېڭى سەنئەت قانۇنىنى ياراتقۇچى» دەپ تەرىپلىگەن.
فلوبېر فرانسىيىنىڭ لىئون شەھىرىدىكى بىر ئاتاقلىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، بالىلىق چاغلىرى دوختۇرخانىدا ئۆتكەن. دوختۇرخانىنىڭ مۇھىتى ئۇنىڭدا كېيىنكى چاغلاردىكى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە تەجرىبىچىلىك خاھىشىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا ئامراق ئىدى،10 ياش ۋاقتىدا ئۆزى يازغان تراگېدىيىسىنى ئۆيىدە ئاغىنىلىرى بىلەن ئوينىغان، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا رومانتىك ئەسەرلەرگە قىزىققان. ئۇ ياش ۋاقتىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپ قېتىم ساياھەت قىلغان، مالتا، مىسىر، پەلەستىن، سۇرىيە، گرېتسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيىلەرگە بېرىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تۇرمۇش بىلىملىرىنى بېيىتقان.
فلوبېرنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «بوۋارى خانىم». روماننىڭ باش پېرسوناژى ئېمما ئەسلىدە باشقا ئۆلكىدىكى بىر باي دېھقاننىڭ قىزى، ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا موناستىردا ياشىغان، شۇ چاغدا مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن نۇرغۇن رومانتىك ئەسەرلەرنى ئوغرىلىقچە ئوقۇغان، ئۇ كۈن بويى يۇقىرى قاتلام جەمئىيەتتە«شېرىن تۇرمۇش» كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىپلا يۈرەتتى. ئۇ بىر ئىرادىسىز، ئاددىي، ھېسسىياتقا نامرات يېزا دوختۇرى چارلىز بوۋارىغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ «پارىژچە مۇھەببەت» خىياللىرى بەربات بولىدۇ. بىر كۈنى ماركىز ئائىلىسىدىكى تانسىدا ئۇ پومېشچىك رودىلوف بىلەن تېپىشىپ قالىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي، رودىلوف ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ. ئېمما يېڭى ئەرمەك ئىزدەپ، پراكتىكانت ئوقۇغۇچى رېئون بىلەن ئارىلىشىپ، بارا - بارا چۈشكۈنلىشىپ، ئىنتايىن شاللاق ئايالغا ئايلىنىدۇ. چىرىك تۇرمۇشنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇ بويى بىلەن تەڭ قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىدۇ. كېيىن، رېئونمۇ ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ، جازانىخورلار ئۇنى قىستاپ، ئىلاجسىز قويىدۇ، ئېمما ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالىدۇ. روماندا بوۋارى خانىم ئېممانىڭ تراگېدىيىسى ئارقىلىق،19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى، ئاقسۆڭەك بۇرژۇئازىيىنىڭ نومۇسسىزلىقىنى، ئۇششاق شەھەر ئاھالىسىنىڭ چاكىنا، رەزىللىكىنى، شۇنىڭدەك پۈتكۈل كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى پۇل مۇناسىۋىتىنىڭ جىنايىتىنى چوڭقۇر پاش قىلغان.
فلوبېرنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن يەنە «ساررانبو»، «ھېسسىيات تەربىيىسى»، «سان ئانتونىنىڭ جەلپكارلىقى»، «ئۈچ ھېكايە» قاتارلىقلار بار.