UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىگوگۇل

گوگۇل

دۇنيا ئەدەبىياتى 23 ياشلىق گوگۇل (1809 −1852 - يىللار) پۇشكىننىڭ ياردىمى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن رومانتىك رومانى «دىكانكاغا يېقىن يېزىدىكى كېچىلىك سۆھبەت» نى نەشر قىلدۇرۇش بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ نامى چىققان. ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇ يەنە كەينى - كەينىدىن «مېرگورۇد» ۋە «قىسقا ئەسەرلەر» ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرىنى ئېلان قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، ئەينى چاغدىكى روسىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىنىڭ تەشەببۇسكارى دەپ ئاتالغان. گوگۇل كىچىك چېغىدىنلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئامراق ئىدى.1821 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن، مەكتەپتىكى ۋاقتىدا دەرستىن سىرت دراما قويۇشقا قاتناشقان. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن پېتربورگقا بېرىپ ھۆكۈمەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن مائاشى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئىستېپا بېرىپ، مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. گوگۇلنىڭ تۇنجى ھېكايىسى «دىكانكاغا يېقىن يېزىدىكى كېچىلىك سۆھبەت» ئىككى قىسىملىق بولۇپ، سەككىز ھېكايە بىلەن ئىككى پارچە كىرىش سۆزدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭدا دىكانكا ئەتراپىدىكى ھەسەل ھەرىسى باققۇچى بوۋاي كەچقۇرۇن يېزىدىكى يۇرتداشلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ ھېكايە ئېيتىشقان شەكىل ئارقىلىق ھەربىر ھېكايىنى بىر - بىرىگە باغلىغان. كىتابتا ماكلاننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى تەسۋىرلىنىپ ھەم رېئال تۇرمۇش ئىپادىلىنىدۇ، ھەم تارىخ مەدھىيىلىنىدۇ، ئوكرائىنا خەلقىنىڭ چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان قەھرىمانلىق روھى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، زۇلمەت كۈچلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرنى ئەزگەنلىكى ئەيىبلىنىدۇ.1835 - يىلى «مىلگىراد» بىلەن «قىسقا ئەسەرلەر» ئېلان قىلىنىپ، يازغۇچىنىڭ رېئالىزملىق ئىجادىيەت يولىدا يەنە بىر خۇشاللىنارلىق قەدەم باسقانلىقىنى كۆرسەتتى، بۇ ئىككى ھېكايىلەر توپلىمى جەمئىيەتتىكى رەزىل ھادىسىلەرنى ئېچىپ تاشلىغانلىقى، مەسخىرە قىلغانلىقى ۋە ئورنى پەس «كىچىك شەخس» لەرنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرىنى تەسۋىرلىگەنلىكى بىلەن دۇنياغا تونۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى «پەلتۇ»، «بۇرۇن» ۋە «سەۋدايى خاتىرىسى» قاتارلىقلار ھازىرغىچە دۇنياغا مەشھۇر ھېكايىلەر بولۇپ كەلمەكتە. گوگۇلنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ئاساسلىقى ھەجۋىي كومېدىيە »رېۋىزور« بىلەن «ئۆلۈك جانلار» رومانى ھېسابلىنىدۇ. «رېۋىزور» دا بىر چەت شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى باشچىلىقىدىكى بىر توپ ئەمەلدارلىرى تەكشۈرۈشكە رېۋىزور كېلىدىكەن دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئالاقزادە بولۇپ كەتكەنلىكى، بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئاقسۆڭەك يىگىت خېرىسكوفنى «رېۋىزور» ئوخشايدۇ دەپ قېلىپ، ئۇنىڭغا قالتىس خۇشامەت قىلىپ، ھە دەپ پارا بېرىپ، ئۆزلىرىگە تارتقانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىلمۇخىل كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بېرىدۇ. شەھەر باشلىقى پايتەختكە بېرىپ چوڭ ئەمەل تۇتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ، قىزىنى «رېۋىزور» غا بەرمەكچى بولۇۋاتقىنىدا، ھەقىقىي رېۋىزورنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىدۇ. ئەسەردە چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىدىكى تۈرلۈك - تۈمەن بيۇروكراتلارنىڭ رەزىللىكى ۋە چىرىكلىكى پاش قىلىنىپ، روسىيىنىڭ بيۇروكراتلار قاتلىمىنىڭ قانۇننى بۇزۇپ، پارا ئالغانلىقى، مەنسەپ ئۈچۈن خۇشامەتچىلىك قىلىدىغانلىقى، شەرمەندە، چاكىنىلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇڭلاشقا، ئۇ روسىيە رېئالىستىك دراما تارىخىدا بىر ئابىدە بولۇپ قالدى. «ئۆلۈك جانلار» گوگۇلنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى. كىتابتا6 - دەرىجىلىك مۈلكى ئەمەلدار چېچىكوف پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش نىيىتىگە كېلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن، لېكىن تېخى نوپۇستىن ئۆچۈرۈلمىگەن يانچىلارنى پومېشچىكلاردىن «سېتىۋېلىپ»، ئاندىن سېتىۋالغان باھاسىدىن نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى باھادا قۇتقۇزۇش ئىدارىسىگە گۆرۈگە قويىدۇ. قولدىن ئۆتكۈزۈش ئارىلىقىدا ئۇنىڭ مۈلكى نەچچە يۈز مىڭ روبلىغا يېتىدۇ. بۇ روسىيىدە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ يانچىلارنى پومېشچىكلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلكى دەپ قارىغانلىقى ھەم قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. چېچىكوف روسىيىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ تىپى. روماندا بۇ بەدىئىي تىپنى يارىتىش ئارقىلىق، روسىيىنىڭ يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئەكسىيەتچىلىكى، چىرىكلىكى، شۇنىڭدەك، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەنسىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان، مەنپەئەت قوغلىشىدىغان ماھىيىتى پاش قىلىنغان. روماندا يەنە مانىلوف، روشىتلېﻒ، سوباكىۋىچ، كروپانىچكا، بوليوشكىندىن ئىبارەت بەش پومېشچىكنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. ئۇلار يا ھەددىدىن ئاشقان ھۇرۇن ياكى ھەممىلا يەردە چاتاق تېرىپلا يۈرىدۇ، ياكى ئاچ كۆز، كالۋا، ياكى ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز، ياكى چوڭ قورۇقى بار، مىڭلاپ يانچىسى بار بولسىمۇ، ئەمما قەلەندەرگە ئوخشاش بىر پارچە پۇرۇچ، بىر پارچە كېرەكسىز تۆمۈرنىمۇ تېرىپ كېلىۋالىدۇ. ئاپتور بۇ پومېشچىكلارنىڭ ئوبرازىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق، پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ رەزىل، چىرىك ماھىيىتىنى ۋە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ مۇقەررەر ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق روسىيىلىكلەرنى تېخىمۇ ئويغىنىشقا دەۋەت قىلغان. رومان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ناھايىتى زور ئىنكاس قوزغاپ، پۈتكۈل روسىيىنى زىلزىلىگە سالغان
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى