UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىرابېلەينىڭ «گىگانت ئادەم» ى

رابېلەينىڭ «گىگانت ئادەم» ى

دۇنيا ئەدەبىياتى 1532- يىلى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى كىتابخانىلاردا ئاجايىپ بىر رومان پەيدا بولدى، كىتابنىڭ نامى «گىگانت ئادەم كاگاندويانىڭ ئوغلى، دېپوشاد پادىشاھى، نامى مەشھۇر پونداگۇئېرنىڭ قورقۇنچلۇق، ئادەمنى چۆچۈتىدىغان ئىشلىرى ۋە تۆھپىلىرى» ئىدى. بۇ كىتاب دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا پۈتۈن فرانسىيىگە تارقالدى، سېتىلىش مىقدارى ئىككى ئايدىلا «ئىنجىل» نىڭ توققۇز يىللىق ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتتى. لېكىن، ئۇزاق ئۆتمەيلا دىنىي جەمئىيەت ئۇنى «ئەخلاقسىز كىتاب» دەپ چەكلىدى. بۇ رومان فرانسىيىدىكى ئەڭ دەسلەپكى رومان «گىگانت ئادەم» نىڭ بىرىنچى تومى ئىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، بۇ روماننىڭ ئىككىنچى تومىمۇ ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچرىدى. لېكىن، روماننىڭ ئاپتورى رابېلەي (1493 −1553 - يىللار)نىڭ جاسارىتى بۇنىڭ بىلەن سۇنۇپ كەتمىدى، ئۇ ھارماي - تالماي كىتابنىڭ ئۈچىنچى تومىنى يېزىپ چىقتى.30 يىل داۋامىدا بەش تومغا بۆلۈپ نەشر قىلىنغان «گىگانت ئادەم» ياۋروپانىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىشى مەزگىلىدىكى بىر نادىر ئەسەر.1 - تومدا گىگانت ئادەم گاۋگاندانىڭ دۇنياغا كېلىشى، تەربىيىلىنىشى ۋە تاشقى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرغانلىقى، شۇنىڭدەك، تېرۇيمىن چېركاۋىنى قۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە يېزىلغان، كېيىنكى تۆت تومدا ئاساسەن، گاۋگاندانىڭ ئوغلى پونداگۇئېرنىڭ پارىژغا بېرىپ ئوقۇشى ۋە موناخ بىلەن بىللە ئەقىل - پاراسەت بۇلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان «تىلسىم قۇتا» نى ئىزدىگەن ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى بايان قىلىنىدۇ. ئاپتور رىۋايەت تەرىقىسىدىكى پېرسوناژلار ئوبرازى، تازا قاملاشمىغان ھېكايە سۇژىتى، قالتىس نەپىس ۋە قوپال، ھىيلىگەر تىل ئۇسلۇبى ئارقىلىق فېئودالىزمغا، دىنىي جەمئىيەتكە قارشى جىددىي باش تېمىنى ئىپادىلەپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ «گىگانت ئادەم» دەك قۇدرىتىنى مەدھىيىلىگەن، گۇمانىزمنىڭ ئوتۇپىك غايىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. روماننىڭ باش پېرسوناژى، گىگانت ئادەم گارگونىيتا بىلەن فانتاگوروئىل كىچىكىدىنلا گۇمانىتارلىق تەربىيىسى ئالغان، تېرويمىن چېركاۋسى يالغۇز گۇمانىزملىق غايىۋى جەمئىيەتنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى رېئال فېئوداللىق جەمئىيەتنى كۈچلۈك ئىنكار قىلىشتۇر. ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا مۇقەددەس تونغا ئورىنىۋالغان مىسسىئونېرلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنلەرگە پەقەت ئايەت ئوقۇپ دۇئا قىلىشنىلا بىلىدۇ، خەلققە بولسا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمايدۇ. ئۇلار كۆرۈنۈشتە سالاپەتلىك بولۇۋالىدۇ، ئەمەلىيەتتە، كەيپ - ساپا، ئەيش - ئىشرەتكە غەرق بولىدۇ. ئاپتور فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ قانۇنى پەقەتلا بىر ئۆمۈچۈك تورى، ئۇ كىچىك ھاشاراتلارنىلا تۇتۇۋالالايدۇ، چوڭ كۆكۈيۈنلەر بولسا قانۇننىڭ سىرتىدا خالىغىنىنى قىلىپ يۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئاپتور ئەينى چاغدىكى مائارىپ تۈزۈمىنىمۇ تەنقىد قىلىدۇ، ئەينى چاغدا مودا بولغان دىنىي ئوقۇش يۇرتى شەكلىدىكى ئوقۇتۇشنى ئاچچىق مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىقتىدارلىرىنىڭ ھەممىسى يېتىلدۈرۈلۈشى كېرەك، خاراكتېرى كۆپ تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئېنگېلس «گىگانت ئادەم» نىڭ ئاپتورى رابېلەيگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى بىر «كۆپ تەرەپلىمە تالانتلىق ۋە چوڭقۇر بىلىملىك، گىگانت ئادەملەر دەۋرىنىڭ گىگانت ئادىمى» دېگەنىدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى