UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىفولكنېر

فولكنېر

دۇنيا ئەدەبىياتى ئامېرىكىنىڭ20 - ئەسىردىكى «تالانتلىق يازغۇچى» سى ۋىليام فولكنېر (1897 −1962 - يىللار) ئاڭ ئېقىدىكى ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىلى.1949 - يىلى قىشتا، ئۇ «ئامېرىكىنىڭ رومانچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى» ئۈچۈن، شۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فولكنېرنىڭ تۇنجى رومانى «ئەسكەرنىڭ ئىش ھەققى» 1926 - يىلى ئېلان قىلىنغان، كېيىنكى يىلى ھەجۋىي رومان «پاشا توپى» نى ئېلان قىلغان.3 - رومانى «ساتورىس» نى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كاللىسىدا تەدرىجىي ھالدا ناھايىتى چوڭ ئىجادىيەت بىر سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى جەمئىيەتنىڭ تارىخىي ۋە رېئال تۇرمۇشىنى تېما قىلىپ، ئاڭ ئېقىنى قاتارلىق مودېرنىزملىق بەدىئىي ئۇسلۇبلارنى قوللىنىپ، خىلمۇخىل كېسەل ھالەتتىكى تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى تەسۋىرلەپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىدىكى ئادەم بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىكى غەيرىي ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ۋە قالايمىقان روھىي ھالەتلەرنى ئىپادىلىمەكچى بولغان. بۇ دەل ئون نەچچە قىسىم رومان، بىرنەچچە ئون پارچە ھېكايىلەردىن تەركىب تاپقان «يوكىناپاتافا يۈرۈشلۈك ھېكايىلىرى». «شاۋقۇن ۋە تەلۋىلىك» بۇ يۈرۈشلۈك ھېكايىلەر ئىچىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىرى، ئۇ ئاڭ ئېقىنىدىكى ئەدەبىياتنىڭ بىر مۇھىم ئەسىرى شۇنداقلا فولكنېرنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. روماندا جېفىر بازىرىدىكى ۋەيران بولغان بىر ئاقسۆڭەك قورۇق ئىگىسى كومپېرسون ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان قالايمىقان ئىدىيە، كونا ئەخلاق ۋە مۇقەررەر ھالاك بولىدىغان سىنىپىي تەقدىر تەسۋىرلەنگەن. رومان جەمئىي تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ئالدىنقى ئۈچ قىسىمدا كومپېرسون ئائىلىسىدىكى ئۈچ قېرىنداشنىڭ ئىچكى مونولوگىنى بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، كومپېرسون جەمەتىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئېچىپ بېرىلگەن.1 - قىسمىدا، كومپېرسوننىڭ كىچىك ئوغلى باندىر يېزىلغان، ئۇ بىر دەلدۈش، كۈن بويى خىيال سۈرۈپ ۋە چۈشەكەپلا يۈرىدۇ. تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، گەپمۇ قىلالمايدۇ، ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى پۇراپ پەرقلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ كاللىسىدا نەچچە ئون يىلدىكى ئىشلار چىگىشلىشىپ بىر كاللەك بولۇپ، تۈرلۈك شالغۇت تەسىرلەرنىڭ »ئېقىنى«غا ئايلانغان.2 - قىسمىدا، چوڭ ئوغلى كۋېنتىن يېزىلغان، ئۇ گەرچە ئالىي تەربىيە كۆرگەن، ئەقلى ناچار بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمى يوق، كۆڭلى مەنىسىز، ئىچى پۇشىدۇ، سىڭلىسىغا ئالاھىدە ھېسسياتتا بولىدۇ، ئۇ ياخشى نىيەت بىلەن بىر ئىتالىيىلىك قىزچاقنى قۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئەكسىچە ھاقارەتلىنىپ، جەرىمانە تۆلەيدۇ، كېيىن تۇرمۇشتىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۇۋالىدۇ.3 - قىسىمىدا،2 - ئوغلى جېسۇن يېزىلغان، بۇ پۇل دېسە جېنىنى بېرىدىغان، ئاچ كۆز، رەھىمسىز، تۇغقانلىرىغا مېھىر - شەپقەتسىز بۇرژۇئازىيە مىشچىنى، ئۇ يېڭى جەنۇب ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنە ئۇ، كومپېرسون جەمەتىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەپ ئۆرە بولغان جەنۇب بۇرژۇئازىيىسىنىڭ سىمۋولى. ئاخىرقى قىسىمىدا، ئاپتورنىڭ بىۋاسىتە بايانى بېرىلگەن. ئاپتور نېگىر دېدەك دېلىشنىڭ نەزىرى بىلەن كومپېرسون جەمەتىنىڭ30 يىل ئارىلىقىدىكى ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىپ ئاخىر ۋەيران بولغان جەريانىنى يەنە بىر قېتىم يىغىنچاقلاپ تونۇشتۇرىدۇ. روماننىڭ تۆت قىسمىنىڭ ماۋزۇسىنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر. «1928 - يىل4 - ئاينىڭ7 - كۈنى»، «1910 - يىل6 - ئاينىڭ2 - كۈنى»، «1928 - يىل4 - ئاينىڭ6 - كۈنى»، «1928 - يىل4 - ئاينىڭ8 - كۈنى»، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۈنلەر پاسخا بايرىمىنىڭ ھارپىسى، خرىستوسنىڭ مۇقەددەس تېنى بايرىمىنىڭ8 - كۈنى، خرىستوسنىڭ ئازاب چەككەن كۈنى ۋە پاسخا بايرىمى كۈنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خرىستوس ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا مۇرىتلىرىغا بىر - بىرىنى سۆيۈش توغرىسىدا تەلىم بەرگەن، خرىستوس ئىنسانلارغا مۇھەببەت ئاتا قىلغان بۇ تۆت كۈن ئىچىدە، كومپېرسون جەمەتىدىكى ھەممەيلەن ئازاب چەككەن، چۈشكۈنلەشكەن ياكى، يۈز ئۆرىگەن، ئۆلۈپ كەتكەن. دېمەك، روماننىڭ ساتىرىك رولى ئىنتايىن كۈچلۈك.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
فولكنېر | UyghurWiki | UyghurWiki