مىڭ بىر كېچە
دۇنيا ئەدەبىياتى
«مىڭ بىر كېچە» نىڭ يەنە بىر نامى «ئەلف لەيلە ۋە لەيلە»، ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر مەزگىلىدىكى ئەرەب ئەدەبىياتىدىكى كۆلىمى زور خەلق چۆچەكلىرى توپلىمى. ئۇنى كىشىلەر دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى «ئەڭ سەلتەنەتلىك ئابىدە» دەپ ئاتايدۇ.
«مىڭ بىر كېچە» نىڭ كىتاب نامى بۇ چۆچەكلەر توپلىمىنىڭ بىرىنچى چۆچىكىدىن چىقىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمدە شەھرىيار ئىسىملىك پادىشاھ ئۆتكەنىكەن، ئۇ ئوۋ ئوۋلاشقا بەك ئامراق ئىكەن، لېكىن ئۇ ھەرقېتىم ئوۋغا چىقىپ كەتكەندە خانىشى كېنىزەكلىرى بىلەن باغقا چىقىپ قۇللار بىلەن شاراب ئىچىشىپ، ئەيش - ئىشرەت قىلىشىدىكەن. پادىشاھ خانىشنىڭ بىر قۇل بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ، غەزەپتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەر كۈنى بىر قىزنى ئالىدىكەن، ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن. پۇقرالار قىزلىرىنى ئېلىپ ھەر تەرەپكە قېچىپ كېتىشكە باشلاپتۇ. ۋەزىرنىڭ قىزى شەھرىزاد خەلقنى بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن پادىشاھقا تېگىپتۇ. ئۇ تۇنجى كېچىسىدىن باشلاپ پادىشاھقا قىزىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، چۆچەك ئەڭ تەسىرلىك يېرىگە كەلگەندە، تاڭ ئېتىپ قالىدىكەن. شەھرىزاد قەستەن چۆچەكنى توختىتىۋېلىپ، پادىشاھنى ئۇنى ئاڭلاشقا قىزىقتۇرىدىكەن. پادىشاھ چۆچەك ئاڭلاشنى بولدى قىلاي دېسە، كۆڭلى ئۇنىمايدىكەن، شەھرىزادنى ئۆلتۈرەي دېسە، تېخى چىدىمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن كۈنلەر كەينى - كەينىدىن ئۆتۈۋېرىپتۇ. شەھرىزاد ئۇدا بىر مىڭ بىر كېچە چۆچەك ئېيتىپتۇ، ئاخىر پادىشاھ تەسىرلىنىپ، بۇرۇنقى بىمەنە ۋە رەھىمسىزلەرچە چىقارغان قارارىنى بىكار قىلىپتۇ. كىتابنىڭ نامى مانا شۇنىڭدىن كەلگەن شۇنداقلا بۇ نام، كىتابتىكى رەڭگا رەڭ چۆچەكلەرنى بىر - بىرىگە باغلايدىغان بىر يىپ.
«مىڭ بىر كېچە» ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. ئۇ خەلقنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، تەبىئىي شەرت - شارائىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىنى ئوخشىمىغان دەۋر، ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئۇنىڭ تېمىسى ناھايىتى كەڭ، نىكاھ، مۇھەببەت، دېڭىز سەپىرى، تەۋەككۈلچىلىك، سودا، دىن، ئەخلاقتىن تارتىپ تەربىيە - ساۋاق قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن. پېرسوناژلىرى ئىچىدە خان، پادىشاھ، ۋەزىر - ۋۇزرالاردىن تارتىپ، قۇل، قەلەندەرلەر، پەرىشتە، ئەرۋاھ، دىۋىلەر، شۇنىڭدەك ھەر خىل دىنىي مەزھەپلەر، ھەر ساھە - ھەر كەسىپتىكىلەرگىچە ھەممىسى بار. شەكلى كۆپ خىل ھېكمەتلىك سۆزلەر، ماقال - تەمسىل، مەسەل، چۆچەك، ئەپسانە، رىۋايەتلەر بار.
«مىڭ بىر كېچە» نىڭ ئاساسلىق نەتىجىسى شۇكى، ئۇنىڭدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ - ئىستىكى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھەببەت - نەپرەت ھېسسىياتى، شۇنىڭدەك، ساددا، ئاق كۆڭۈل پەزىلىتى تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ئەدەبىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئىتالىيىلىك بوككاچچىئو، ئەنگلىيىلىك شېكېسپېر، ئىسپانىيىلىك سېرۋانتىس قاتارلىق ئاتاقلىق يازغۇچىلارمۇ بۇ بۈيۈك ئەسەردىن پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان. ئېلىمىزدە «مىڭ بىر كېچە» چۆچەكلىرىدىن خەنزۇچىغا ئەڭ بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغانلىرى1903 - يىلى نەشر قىلىنغان «سىندىباتنىڭ دېڭىزدىكى خەتەرلىك سەرگۈزەشتلىرى» بىلەن1904 - يىلى نەشر قىلىنغان «پالۋان ئايال قۇل» دىن ئىبارەت.