UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىجىك لوندون

جىك لوندون

دۇنيا ئەدەبىياتى ئاپتوبىئوگرافىك رومان «مارتىن ئېدىن» ئامېرىكا يازغۇچىسى جىك لوندون (1876 −1916 - يىللار)نىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئۇ باش قەھرىمان مارتىن ئېدىننىڭ شەخسىي كۈرەش قىلىشىنىڭ پاجىئەلىك نەتىجىسى ئارقىلىق، شەخسىيەتچىلىك پەلسەپىسىنى ئىنكار قىلغان شۇنداقلا ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ چىرىكلىكى ۋە مەنىسىزلىكىنى تەنقىد قىلغان. ماتروس مارتىن ئېدىن تاسادىپىي پۇرسەتتە ئادۋوكات موسىنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ قالىدۇ. رۇسى خانقىز بۇ كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، پەۋقۇلئاددە ئىدراكلىك پرولېتارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. مارتىن ئېدىنمۇ رۇسىنى پاك، ئالىيجاناب، مەدەنىيەتلىك دەپ ئويلاپ، ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. مارتىن ئېدىن رۇسىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن تىرىشىپ يېزىقچىلىق قىلغاچ، مەدىكارچىلىق قىلىدۇ. نامراتلىقىدىن بەزىدە تاماقمۇ يېيەلمەيدۇ، ئەسىرى كەينى - كەينىدىن قايتۇرۇۋېتىلىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەستىن، داۋاملىق كۈرەش قىلىدۇ. ئۇ «تىرىشقان ئۇزار»، كۈچلۈكلەر چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، دېگەن مەنتىقىگە ئىشىنىدۇ، ئۆزىنى كۈچلۈك ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ. رۇسى گەرچە ئاتا - ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مارتىندىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن مارتىن بۇنىڭ بىلەن ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، قەتئىي توختىماي تىرىشىش ئارقىسىدا، مارتىن ئېدىن ئاخىر نام قازىنىدۇ. ئىلگىرى ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلار كېلىپ ئۇنى ئۆز يانلىرىغا تارتىشقا باشلايدۇ، رۇسىمۇ يىغلاپ تۇرۇپ مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، مارتىن ئېدىن جەمئىيەتنىڭ «چوققىسى» غا يامىشىپ چىققاندىن كېيىن، ھەممە نەرسىنىڭ ساختا، پەردازلانغان ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭ غايىسى يوققا چىقىدۇ، روھىي تۈۋرۈكى غۇلاپ چۈشىدۇ. ئۇ بۇ جەمئىيەتتىن، ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىدىن نەپرەتلىنىدۇ، لېكىن ئۇ خەلق ئارىسىغا قايتىپ كېتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن دېڭىزغا چىقىپ، شۇ يەردىن ئۆزىنىڭ مەنزىلىنى ئىزدەپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۇۋېلىش بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
جىك لوندون | UyghurWiki | UyghurWiki