UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىۋوينىچنىڭ «كۆكۈيۈن» رومانى

ۋوينىچنىڭ «كۆكۈيۈن» رومانى

دۇنيا ئەدەبىياتى «مەن بۇ شەھەرگە ئەۋەتىلدىم، خۇددى ئاتنىڭ ئۈستىگە قونغان بىر كۆكۈيۈنگە ئوخشاش ئۇنى تېزرەك ئالغا بېسىشقا دەۋەت قىلىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم.» بۇ ئەسلىدە قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى سوقراتنىڭ ئەقلىيە سۆزى. ئىرېلاندىيىلىك ئايال يازغۇچى ۋوينىچ (1864 −1960 - يىللار) سوقراتنىڭ ھەقىقەتتە قەتئىي چىڭ تۇرىدىغان، ئېتىقادىغا سادىق، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان روھىغا ئىنتايىن قايىل بولغاچقا، ئۆزىنىڭ رومانىنىڭ باش پېرسوناژىنىڭ ئىسمىنى «كۆكۈيۈن» دەپ قويغان، كىتابىنىڭ نامىنىمۇ «كۆكۈيۈن» دەپ قويغان. «كۆكۈيۈن» ۋوينىچنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، ئۇنىڭدا19 - ئەسىردىكى ئىتالىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى باتۇرانە كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن. روماننىڭ باش پېرسوناژى ئارتور(يەنى كۆكۈيۈن) باي بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دىنىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتقاندىلا ئىنقىلابىي كۈرەشكە قاتناشقان. ئەينى چاغدا ئۇ تېخى ئىخلاسمەن مۇخلىس ئىدى، دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئەكسىيەتچى ماھىيىتىنى تېخى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلمىگەنىدى. بىر قېتىم پوپنىڭ ئالدىدا توۋا قىلىۋاتقاندا ئىنقىلابىي تەشكىلاتنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، پوپ ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىپ قويىدۇ، ئۇ سەپداشلىرى بىلەن قولغا ئېلىنىدۇ. ئارتور قاتتىق ئازابلىنىۋاتقاندا، يەنە ئۆزى ئەڭ چوقۇنىدىغان پوپ مونتانېللىنىڭ ئەسلىدە ئۆز ئاتىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىر نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. ئارتور بۇ ئىككى زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، كاتولىك دىنىدىن كۈتكەن ئارزۇسى بەربات بولىدۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ، دىنىي جەمئىيەت ۋە ئائىلىسىدىن ئادا - جۇدا بولىدۇ. ئۇ ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدا13 يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، خىلمۇخىل سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ساددا بىر ئۆسمۈردىن پىشقان، جاسارەتلىك بىر جەڭچىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ۋەتىنىگە باشقىدىن قايتىپ كېلىپ، ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتنى قانات يايدۇرىدۇ. ئۇ »كۆكۈيۈن« دېگەن تەخەللۇس بىلەن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەكسىيەتچى دائىرىلەرگە ۋە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىگە زەربە بېرىدۇ شۇنداقلا قوراللىق كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىنىدۇ. كېيىن، بەختكە قارشى قولغا ئېلىنىدۇ. دۈشمەن ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ ئۇنى ھەرگىز تىز پۇكتۈرەلمەيدۇ، ئۇ ئاخىر قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ. خۇددى ئاپتورنىڭ ئۆزى ئېيتقاندەك: «كۆكۈيۈننىڭ كۈرەش مۇساپىسى، ئەينى يىللاردىكى ئىتالىيە خەلقىنىڭ كۈرەش مۇساپىسى؛ كۆكۈيۈننىڭ ئىرادىسى ۋە غايىسى، ئەينى يىللاردىكى ئىتالىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە غايىسى؛ كۆكۈيۈندىن ئىبارەت بۇ تىپ، ئەينى يىللاردىكى ئىتالىيە ئىنقىلابچىلىرىنىڭ تىپى ئىدى.»
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
ۋوينىچنىڭ «كۆكۈيۈن» رومانى | UyghurWiki | UyghurWiki