UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىئاكا - ئۇكا گرىملار ۋە گرىم چۆچەكلىرى

ئاكا - ئۇكا گرىملار ۋە گرىم چۆچەكلىرى

دۇنيا ئەدەبىياتى «كۈل قىز»، «قار مەلىكە»، «باتۇر كىچىك تىككۈچى»، «برومېن شەھىرىدىكى مۇزىكانت» دېگەندەك بۇ ئاجايىپ چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسى گرىم چۆچەكلىرىدىن ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئاپتورى گېرمانىيىلىك ياكۇف گرىم (1785 −1863 - يىللار) بىلەن ۋېليام گرىم (1786 −1859 - يىللار)، ئۇلار ئاكا - ئۇكا ئىدى. ئاكا - ئۇكا گرىملارنىڭ ئىككىسىلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى ئىدى. ئىككىيلەن بىللە مالبورگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن يەنە بىللە كۇتۇپخانىدا خىزمەت قىلغان ھەم ئوخشاش بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا پروفېسسور بولغان.1837 - يىلى ئاكا - ئۇكا گرىملار باشقا بەش پروفېسسور بىلەن بىللە بىرلەشمە ئىمزادا خاننوۋېر كىنەزىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بىرلىكتە پروفېسسورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.1841 - يىلى ئىككىيلەن بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئاكا - ئۇكا گرىملار1806 - يىلىدىن باشلاپ خەلق ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ رىۋايەت ۋە چۆچەكلەرنى توپلاشقا كىرىشكەن، كېيىن ئۇزاق يىللاردىن بۇيان توپلىغان ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ، تەتقىق قىلىپ، بىرلىشىپ «بالىلار ۋە ئائىلە چۆچەكلىرى توپلىمى» نى تۈزۈپ چىققان، بۇ كىتاب ئادەتتە گرىم چۆچەكلىرى دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭغا جەمئىي216 پارچە چۆچەك كىرگۈزۈلگەن. «گرىم چۆچەكلىرى» ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن توپلىنىپ تۈزۈلگەن، ئەڭ كۆپ، ئەڭ سىستېمىلىق چۆچەكلەر توپلىمى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن چۆچەكلەردە گېرمان مىللىتىنىڭ ساددا، سەمىمىيلىكى، يۇمۇرلۇقلۇقى، ئەقىل - پاراسەتلىكلىكى ۋە باتۇرلۇقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل ئىچكى دۇنياسى ۋە ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلىتى ئېچىپ بېرىلگەن. چۆچەكلەرنىڭ سۇژىتى ئەگرى - توقاي، لېكىن ئاجايىپ - غارايىپ ئەمەس، بايانى ئاددىي، لېكىن يېقىمسىز ئەمەس. نۇرغۇن چۆچەكلەرنىڭ تىلىدا شېئىرىي پۇراق كۈچلۈك. «گرىم چۆچەكلىرى» دىكى بەزى ئەسەرلەر ئەينى چاغدىكى ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ دىن، دەرىجە قارىشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كۆزقاراشلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
ئاكا - ئۇكا گرىملار ۋە گرىم چۆچەكلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki