ھومېر ئېپوسلىرى ئىليادا ۋە ئودىسسا
دۇنيا ئەدەبىياتى
بۇ، يۇنانلىقلارنىڭ ياۋايىلىق دەۋرىدىن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغان چاغدىكى مۇھىم مىراسلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ياۋروپا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ بالدۇرقى مۇنەۋۋەر ئەسەر، ياۋروپا ئەدەبىياتىنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردىكى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
«ئىليادا» بىلەن «ئودىسسا» ئېپوسلىرىنىڭ ماتېرىيالى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى12 - ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى11 - ئەسىر ئارىلىقىدا بولغان ترويا ئۇرۇشىدىن ئېلىنغان. يۇنانلىقلارنىڭ ترويا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن باشلىنىپ، بۇ شەھەرنى ئېلىپ، ۋەيران قىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ھېكايە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئېغىزچە تارقىلىپ كەلگەن، كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تولۇقلىشى، پىششىقلىشى ئارقىسىدا، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى9 - ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى8 - ئەسىرگىچە ئەدەبىي ئەسەر بولۇپ شەكىللەنگەن. ئەما شائىر ھومېر مۇشۇنى ئاساس قىلىپ، رەتلەپ، تۈزىتىپ، ئاخىرىدا، سۇژىتى مۇكەممەل، ئۇسلۇبى بىرلىككە كەلگەن بۇ ئىككى ئېپوسنى شەكىللەندۈرگەن. ئەسەردە قەدىمكى زاماندىكى قەھرىماننىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشى ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنىڭ سۈرىتى ناھايىتى ياخشى سىزىپ بېرىلگەن، ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىنىڭ ئەھۋالى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.
بۇ ئىككى ئېپوسنىڭ ھەربىرى24 بۆلۈمگە بۆلۈنىدۇ، گەرچە ترويا ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانى يېزىلماستىن، ھەر قايسىسىدا ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىل ئىچىدىكى بىر بۆلەك ۋەقە ئېلىنىپلا، ئومۇمىيسى ئىپادىلەنگەن.
«ئىليادا» دا ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلىنىڭ51 كۈنىدە يۈز بەرگەن ئىشلار، ترويا شاھزادىسى پارىسنىڭ يۇناندىكى سىپارتا دۆلىتىنىڭ پادىشاھىنىڭ خوتۇنى ھېلىننى ئالداپ كېتىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا10 يىل دەھشەتلىك ئۇرۇش قوزغالغانلىقى، ئاسماندىكى ئىلاھلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ بىر تەرەپكە ياردەم قىلغانلىقى يېزىلغان.10 - يىلىغا كەلگەندە، يۇنان قوماندانى ئاگامېمنۇن بىلەن ئاكىيا قەبىلىسىنىڭ ئەڭ باتۇر ئاتامانى ئاكېللىئۇس ئوتتۇرىسىدا بىر ئايال قۇلنى تالىشىپ جېدەل چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۇنان قوشۇنى كەينى - كەينىدىن زىيان تارتىدۇ. ترويانىڭ سەركەردىسى خاكتۇر قوشۇننى باشلاپ چوڭ ھۇجۇم قوزغاپ، كەينى - كەينىدىن غەلىبە قىلىدۇ. كېيىن، ئودېسسئوس يوغان بىر ياغاچ ئات ياساپ، ئۇنىڭ ئىچىگە يۇنان ئەسكەرلىرىنى يوشۇرۇپ، دۈشمەنلەرنى بۇ ياغاچ ئاتنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىشكە جەلپ قىلىپ، ئىچى - تېشىدىن ماسلىشىپ شەھەرنى ئېلىشنى پىلانلايدۇ. ئاكېللىئۇس شەخسىي ئاداۋەتنى قايرىپ قويۇپ، قايتىدىن جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىپ، خاكتۇرنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. خاكتۇرنىڭ دادىسى، ترويانىڭ ياشانغان پادىشاھى ئوغلىنىڭ جەسىتىنى ھەق تۆلەپ قايتۇرۈۋېلىپ كېلىپ، خاكتۇر ئۈچۈن داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
«ئودىسسا» دا يۇنان بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ قوماندانى، ئىتاكا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئودېسسئوس ترويا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىش يولىدا دېڭىزدا10 يىل لەيلەپ يۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇ دېڭىز ئىلاھىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، قاتتىق بورانغا ئۇچراپ، كەينى - كەينىدىن خەتەرگە يولۇقۇپ، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، ئاخىر ئاجايىپ ئۈستۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن خىلمۇخىل جاپالارنى يېڭىپ، ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ، خوتۇن - بالىلىرى بىلەن جەم بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
«ئىليادا» بىلەن «ئودىسسا» نىڭ ھەرقايسىسىدا ئۆز ئالدىغا ئايرىم مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئالدىنقىسىدا ئۇرۇقداشلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش، كېيىنكىسىدە، يۇنان قەھرىمانىنىڭ تەبىئەت بىلەن قىلغان كۈرىشى نۇقتىلىق يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتور ئىخچام، ئېنىق ئۇسلۇب بىلەن، كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ بەرگەن، شۇڭا ئۇ «قەھرىمانلىق ئېپوسى» دەپ ئاتىلىدۇ.