UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىجون كېتىس

جون كېتىس

دۇنيا ئەدەبىياتى 19 - ئەسىردە ئەنگلىيىنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئارانلا26 يىل ياشىغان بىر رومانتىك شائىر ئۆتكەن. ئۇ جون كېتىس ئىدى. لېكىن ئۇ، كېيىنكىلەرگە نۇرغۇن مەشھۇر شېئىرلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. جون كېتىس تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ شاگىرتى بولغان، يەنە لوندوندا دوختۇرخانىدا پراكتىكانت ۋە دوختۇر ياردەمچىسى بولغان. ئۇنىڭدا شېئىرغا كۈچلۈك قىزىقىش بولغاچقا،1816 - يىلىدىن كېيىن، تېبابەتنى تاشلاپ، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېتىسنىڭ شېئىرلىرى ھۆرلۈككە چوقۇنۇش، ھۆرلۈككە ئىنتىلىشتەك دېموكراتىك ئىدىيە بىلەن تولغان. مەشھۇر داستانى «ئىزابېللا» نىڭ ماتېرىيالى بوككاچچىئونىڭ «10 كۈنلۈك سۆھبەت» ىدىن ئېلىنىپ، قىزچاق ئىزابېللانىڭ بىر كەمبەغەل يىگىتكە كۆيۈپ قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. كېيىن، ئىزابېللانىڭ ئاكىسى بۇ يىگىتنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، ئىزابېللا ئۇ يىگىتنىڭ باش سۆڭىكىنى تېپىۋېلىپ، ئۇنىڭغا قاراپ ئازابلىنىپ يىغلايدۇ. ئاپتور ئىزابېللانىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆكتەملىكى ۋە بايلىق، مەرتىۋىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئەيىبلەيدۇ، ئىزابېللانىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە ئىنتىلىشىنى مەدھىيىلەيدۇ. ئەسەردە شائىرنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىۋى خاھىشى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. كېتىس تەبىئەتنى قىزغىن سۆيەتتى، ئۇ تەبىئىي مەنزىرىلەر ۋە شەيئىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى چىرايلىق، خۇددى سۈرەتتەك تەسۋىرلەيتتى ھەم تەسەۋۋۇرغا باي ئىدى. كېتىس «گۈزەللىكنىڭ ئۆزى ھەقىقەت، ھەقىقەتمۇ گۈزەل بولىدۇ» دەپ قارايتتى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نەزىرىدە زەڭگەر ئاسمان، ئالتۇن رەڭ كەچكى شەپەق، چىرايلىق گۈللەر، شوخ قۇشقاچلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سۈرەت ياكى يېقىملىق مۇزىكىلاردۇر. ئۇ يۇناننىڭ قەدىمكى ئىدىشلىرىدىن «ئەزەلدىن باھاردىن ئايرىلالمايدىغان»، «بەختلىك دەرەخ» ۋە «نەينى يېقىملىق چېلىۋاتقان»، «دەرەخ ئاستىدىكى چىرايلىق ئۆسمۈر» نى كۆرەلەيدۇ؛ تومۇزغا بىلەن قارا چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرىدىن «زېمىننىڭ بۇ ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان ناخشىسى» نى ئاڭلىيالايدۇ. بۇ شائىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئېستېتىكىلىق قابىلىيىتى ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئىپادىسى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
جون كېتىس | UyghurWiki | UyghurWiki