پابلو نېرودا
دۇنيا ئەدەبىياتى
پابلو نېرودا (1904 −1973 - يىللار) لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ شېئىرىيىتىدە يېڭى مەنزىل ئېچىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن شېئىرىيەت مۇنبىرىنىڭ پىر - ئۇستازى دەپ ئاتالغان ھەم1971 - يىلى شەرەپ بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
پابلو نېرودا چىلىدىكى بىر تۆمۈريول ئىشچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.13 يېشىدىن تارتىپلا شېئىر ئىجاد قىلىشقا باشلىغان،16 يېشىدا «گۇگۇم» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن ئەدەبىيات مۇنبىرىگە چىققان.19 يېشىدا شېئىرلار توپلىمى «شەپەق» نى نەشر قىلدۇرغان،20 يېشىدا يەنە »20 پارچە لىرىك شېئىر ۋە بىر پارچە ئۈمىدسىز ناخشا«نى نەشر قىلدۇرغان.
ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، نېرودا چىلىنىڭ دىپلوماتىيە ئەلچىسى بولدى،1934 - يىلى ئىسپانىيىدە كونسۇل بولدى.1936 - يىلى ئىسپانىيىدە خەلقنىڭ فرانكونىڭ فاشىستىك مۇستەبىتلىكىگە قارشى قوراللىق ئۇرۇشى پارتلىدى، بۇ چاغدا نېرودا كەسكىنلىك بىلەن: «ئەمدى تۇرمۇش ۋە دۇنيانى تىپتىنچ كۆزىتىپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، مەن چوقۇم كوچىغا چىقىپ، ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچە چۇقان سېلىشىم كېرەك» دېدى.1937 - يىلى ئىسپانىيىدە «ئىسپانىيە مېنىڭ قەلبىمدە» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى مەخپىي نەشر قىلدۇردى، بۇ شائىرنىڭ چۇقىنى ئىدى شۇنداقلا ئىسپانىيە خەلق جەڭچىلىرىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى بولۇپ قالدى. بۇ شېئىرلار توپلىمى شائىرنىڭ ئىلگىرىكى بىر مەزگىل ئىزدەنگەن «سيۇررېئالىزم» ۋە سىمۋولىزملىق شېئىر ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، دەۋرنىڭ كۈچلۈك كەيپىياتى ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ھايات بېغىشلاپ، نېرودا ئاتاقلىق سىياسىي لىرىكا شائىرى بولۇپ قالدى.2
- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شائىر نۇرغۇن مەشھۇر شېئىرلارنى يېزىپ، دۇنيا خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرىشىگە ئىلھام بەردى.1950 - يىلى ئۇ ئەڭ مۇھىم شېئىرىي ئەسىرى «شېئىر توپلىمى» نى تاماملىدى. بۇ شېئىرلار توپلىمى جەمئىي15 باب، ئۇنىڭغا ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشىمايدىغان248 پارچە شېئىر كىرگۈزۈلۈپ، لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋە چىلى خەلقىنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى تۇرۇش تارىخى ئۇلۇغۋار، ئوتتەك قىزغىن ھېسسىيات بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇ لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىستىكىنىڭ ئېپوسى.
«شېئىر توپلىمى» ئىچىدە ئەڭ شۆھرەت قازانغان ئەسەر1948 - يىلى يېزىلغان داستانى «ئويغىنىڭلار، ياغاچ كەسكۈچىلەر!»، ئۇنىڭدا دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، تىنچلىق بىلەن ئۇرۇش، دېموكراتىيە بىلەن قۇللۇق، ئىلغار كۈچلەر بىلەن ئەكسىيەتچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەر، شۇنىڭدەك، دۇنيا خەلقىنىڭ توسۇپ قالغۇسىز ئالغا بېسىش قەدىمى ئىپادىلەنگەن. بۇ ئەسەر ئۇزاق ئۆتمەي نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى.
نېرودانىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، مودېرنىزم، رومانتىزم، رېئالىزملارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ھەرقايسى ئېقىملارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تاۋلاپ، ئۆزىنىڭ مەردانە، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى يارىتىپ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەدەبىياتى تارىخىدا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان شائىر بولۇپ تونۇلدى.