كونان دويىلنىڭ ھولمىسنىڭ دېلو رازۋېدكا قىلىشى
دۇنيا ئەدەبىياتى
نامى مەشھۇر دېلو پاش قىلىش ئۇستىسى − ھولمىس ئەنگلىيە يازغۇچىسى كونان دويىل (1859 −1830 - يىللار)نىڭ يۈرۈشلۈك رازۋېدكا ھېكايىلىرى ئىچىدىكى توقۇلما قىلىنغان پېرسوناژ. كونان دويىلنىڭ رازۋېدكا ھېكايىلىرىدىن «قان بىلەن يېزىلغان خەتنى تەتقىق قىلىش»، «ئەسلىمە»، «تۆت ئىمزا»، «تەۋەككۈلچىلىك تارىخى»، «باسكېرۋىل تايغىنى»، «قايتىپ كېلىش»، «قورقۇنچلۇق جىلغا»، «ئەڭ ئاخىرقى سالام»، «يېڭى دېلو رازۋېدكا قىلىش» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە شىرلۇك ھولمىس باش پېرسوناژ، ۋاتسۇن دوختۇر ياردەمچى قىلىنىپ، ھەر تۈرلۈك قىيىن دېلولار ھەل قىلىنىدۇ. كونان دويىل تېببىي ئىلىمدىن ئالىي تەربىيە ئالغان، ئۇ خىمىيە، ئاناتومىيە ۋە باشقا پەنلەردىن ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ھولمىستىن ئىبارەت بۇ بەدىئىي ئوبرازنى يارىتىشقا سەرپ قىلغان. ھولمىس ئەمەلىيەتتە ئات ھارۋىسى، كىرسىن چىراغ، تېلېگرامما يەتكۈزۈش دەۋرىدە، زامانىۋى ئىلىم - پەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ دېلو پاش قىلىدىغان تەۋەككۈلچى قەھرىمان.
كونان دويىلنىڭ رازۋېدكا ھېكايىلىرى ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش ئەھۋالىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەن، لېكىن جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتىنى دېگەندەك چوڭقۇر پاش قىلىپ بېرەلمىگەن. ھولمىسنىڭ ھەرقايسى ھېكايىلىرىنىڭ بەدىئىي سەۋىيىسى بىردەك ئەمەس. لېكىن، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، سۇژىتى ئەگرى - توقاي، مۇرەككەپ، كۆرۈنۈشلەر جىددىي، خەتەرلىك، لوگىكىلىق ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئارقىلىق دېلو پاش قىلىنىدۇ، ئۇ ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش رازۋېدكا ھېكايىلىرى ئېقىمىنى ياراتتى.
كونان دويىل ئوغلى1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، سىرلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرى مىستىتسىزم تۈسىنى ئالغان.