UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىئون كۈنلۈك سۆھبەت

ئون كۈنلۈك سۆھبەت

دۇنيا ئەدەبىياتى 1375- يىل12 - ئاينىڭ21 - كۈنى تۈمەنلىگەن ئىتالىيە خەلقى فلورېنسىيە شەھەر ياقىسىدىكى چىتاردۇغا بېرىپ، ئىتالىيىدە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى، ئەدىب جىئوۋاننى بوككاچچىئو (1313 −1375 - يىللار)غا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان بوككاچچىئو ئادەمنىڭ دۇنيانىڭ خوجايىنى ئىكەنلىكىگە، ئادەمنىڭ تەقدىرنىڭ خوجايىنى ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنەتتى. ئۇ سىياسىي جەھەتتە فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرغان، فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ئىشلىگەن؛ ئەدەبىيات جەھەتتە، بىرمۇنچە ئەپسانىۋى ھېكايە، ئېپوس، ئېپىك شېئىر، سونېت، ھېكايە، ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان، ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەركىدۇنياچىلىق ئىدىيىسى ۋە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى بىلەن قورقماي كۈرەش قىلغان. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسىرى «ئون كۈنلۈك سۆھبەت». بۇ بىر ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى رېئالىستىك ھېكايىلەر توپلىمى. ئەسەردە1348 - يىلى فلورېنسىيىدە كەڭ تارقالغان چاشقان ۋاباسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئون قىز - يىگىتنىڭ شەھەر سىرتىغا چىقىپ پاناھلىنىپ، ھەربىر ئادەم بىر كۈندە بىر ھېكايە ئېيتىپ، ئون كۈندە جەمئىي100 ھېكايە ئېيتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىتابنىڭ نامى »ئون كۈنلۈك سۆھبەت« دەپ ئاتالغان. كىتابتىكى نۇرغۇن ھېكايىلەر تارىخىي ۋەقەلەردىن، ئوتتۇرا ئەسىردىكى رىۋايەتلەردىن ۋە شەرق چۆچەكلىرىدىن ئېلىنغان، يەنە بەزىلىرىدە ئەينى چاغدىكى چىن ئادەم، چىن ئىشلار سۆزلەنگەن. ئەسەردىكى بەزى ھېكايىلەردە كاتولىك دىنى جەمئىيىتىنىڭ روھانىيلىرىنىڭ ساختا مېھرىبانلىقى، ھارامزادىلىكى، چۈشكۈنلۈكى يۈرەكلىك ئېچىپ تاشلانغان، دىنىي جەمئىيەتكە قارشى تۇرۇش، ئىلاھىي ھوقۇققا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزى ھېكايىلەردە فېئوداللىق ئىمتىياز ۋە دەرىجە تۈزۈمى تەنقىد قىلىنغان، «ئىنسانلار تۇغۇلۇشىدىنلا باراۋەر، پەقەت پەزىلەتلا ئىنسانلارنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۆلچەم بولالايدۇ» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھېكايىلەرنىڭ كۆپرەكىدە يىگىت - قىزلارنىڭ سەمىمىي مۇھەببىتى مەدھىيىلىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەركىدۇنياچىلىق ئىنكار قىلىنىپ، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئازادلىقى تەشەببۇس قىلىنغان. «ئون كۈنلۈك سۆھبەت» تە ئاقسۆڭەك راھىبلار سىنىپىنى مەسخىرە قىلىش ۋە ھەجۋىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ بىر قاتار ئوبرازلىرىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەدھىيىلىگەن، ئاپتورنىڭ گۇمانىتارلىق ئىدىيىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. «ئون كۈنلۈك سۆھبەت» ئىتالىيىنىڭ پروزا سەنئىتىگە ئاساس سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھېكايىنىڭ شەكلىنى ئىجاد قىلىپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
ئون كۈنلۈك سۆھبەت | UyghurWiki | UyghurWiki