UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىھېينى

ھېينى

دۇنيا ئەدەبىياتى ھېينرىخ ھېينى (1797 −1856 - يىللار)19 - ئەسىردىكى گېرمانىيىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرى. ئۇ كىچىكىدىنلا بۇرژۇئازىيە بۈيۈك ئىنقىلابى پارتلىغان فرانسىيىگە تەلپۈنگەن.1830 - يىلى فرانسىيە خەلقى قايتا تىرىلگەن بوربۇن خانىدانلىقىنى ئىيۇل ئىنقىلابى ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، بۇ خەۋەر گېرمانىيىگە يېتىپ كەلگەندە، ھېينرىخ ھېينى ئىنتايىن شادلاندى، ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازدى: «قەلبىم شادلىق ۋە ناخشىغا تولدى، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم شەمشەر ۋە يالقۇنغا ئايلاندى». ئۇ: «تارمار قىلىشقا توغرىلىغان قورالىمنى قولۇمغا ئېلىپ»، «بېشىمغا گۈلتاج كىيىپ ھايات - ماماتلىق جەڭگە ئاتلىنىمەن» دەپ قەسەم قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن شەمشەر ۋە ئوتقا ئوخشاش شېئىرلىرى بىلەن مۇستەبىتلىككە، زۇلمەتكە قارشى تۇردى، ئىنقىلابنى مەدھىيىلىدى، بىر ئۆمۈر، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلدى، ئۇ يەنە كېيىنكىلەرگە ئۆزىنىڭ تاۋۇتى ئۈستىگە گۈلچەمبىرەك قويماستىن، بىر تال شەمشەر قويۇپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلدى. ھېينرىخ ھېينى19 يېشىدىن باشلاپ لىرىك شېئىرلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان،1827 - يىلى «شېئىر توپلىمى» نى نەشر قىلدۇرغان. توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆزىنىڭ مۇھەببەت دەردى باش تېما قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكى ئىزھار قىلىنغان شۇنداقلا جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ساددا، ھېسسىياتى چىن، ۋەزنى رەتلىك، ئاھاڭدار، خەلق قوشاقلىرى ئۇسلۇبىغا ۋە رومانتىزم تۈسىگە ئىگە.1831 - يىلىدىن باشلاپ ھېينى فرانسىيىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ بۇ يەردە ھيۇگو، بالزاك، گېئورگى سان قاتارلىق يازغۇچىلار بىلەن دائىم بېرىش - كېلىش قىلدى شۇنداقلا ئۇ يەنە ئوتۇپىك سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ فرانسىيە بوربۇن خانىدانلىقىنىڭ ئەكسىيەتچى ماھىيىتىنى پاش قىلدى. «رومانتىكلار» دېگەن كىتابىدا سەنئەت تۇرمۇشتىن ئايرىلماسلىقى، شېئىرلاردا قىلچە بەدىئىيلىكى بولمىغان ئىنقىلابىي شوئارلارنىلا يېزىۋەرمەسلىك كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.1843 - يىلى ھېينى ماركس بىلەن تونۇشتى، بۇ ئۇنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئىجادىيىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. سىياسىي شېئىر توپلىمى «دەۋر شېئىرلىرى» دا سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلدى.1844 - يىل6 - ئايدا گېرمانىيىدىكى سىلسىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، ھېينې «سىلسىيە ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭى» دېگەن شېئىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئىشچىلارنىڭ كۈرىشىگە ئاكتىپ مەدەت بەردى، گېرمانىيە پرولېتارىياتىنىڭ ئەزگۈچىلەرگە چىش - تىرنىقى بىلەن ئۆچلۈكى ۋە كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى ئىپادىلىدى، «ساختا ۋەتەن»،«بايلارنىڭ پادىشاھى» ۋە ئەكسىيەتچى دىننى غەزەپ بىلەن تىللىدى ۋە ئۇلارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. ھېينرىخ ھېينى1843 - يىلى يەنە مەشھۇر داستانى «گېرمانىيە − قىشتىكى چۆچەك» نى يازدى، شېئىردا سىمۋول قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، ئاجايىپ تەسەۋۋۇر ۋە رېئال تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەش ئارقىلىق گېرمانىيىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى خىلمۇخىل رەزىل ھادىسىلەرگە ۋە ئەكسىيەتچىلەرگە كۈچلۈك زەربە بەردى، ئەسەردە ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ۋە گۈزەل جەمئىيەتكە تەلپۈنۈشى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، شېئىردىكى ئاچچىق مەسخىرە، سەرخىل ئوخشىتىش، كۈچلۈك ئۇرغۇ ۋە ئوبرازلىق، جانلىق تىل ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋىلىكىنى ۋە بەدىئىيلىكىنى مۇكەممەل بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گېرمانىيە ئەدەبىياتى تارىخىدىكى رېئالىزم بىلەن رومانتىزم ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈلگەن مەشھۇر ئەسەر بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
ھېينى | UyghurWiki | UyghurWiki