UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىتوماس خاردى

توماس خاردى

دۇنيا ئەدەبىياتى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ تەنقىدىي رېئالىزمچى يازغۇچىسى توماس خاردى (1840 −1928 - يىللار)، رومان ئارقىلىق بارلىق ئىجتىمائىي قائىدە - يوسۇنلارغا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بارلىق «مۇقەددەس ئەخلاق» لارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش دولقۇنىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەينى چاغدا گەرچە ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ كونا ئەخلاقنى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتتى. خاردى ئۆمرىدە14 رومان، تۆت ھېكايىلەر توپلىمى ئىجاد قىلغان، يەنە سەككىز شېئىرلار توپلىمى ۋە تارىخىي داستان «پادىشاھ لې» نى يازغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى روماندا. خاردى ئۆزىنىڭ رومانلىرىنى «رومانتىك تارىخ ۋە خىيال»، «مۇھەببەت، سۇيىقەست ھېكايىلىرى» ۋە «خاراكتېر ۋە مۇھىت توغرىسىدىكى رومانلار» دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ «خاراكتېر ۋە مۇھىت توغرىسىدىكى رومانلار» ىنىڭ تەسىرى ئەڭ زور بولغان، «دېبورگ ئائىلىسىدىكى تېس» بىلەن «نامسىز جۇد» ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئەڭ ئېرىشكەن ئەسەرلەر. «دېبورگ ئائىلىسىدىكى تېس» كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان تراگېدىيىلىك ئەسەر. روماننىڭ باش پېرسوناژى تېس ئەسلىدە بىر پاك، گۈزەل ھەم ئىنتايىن ئىشچان يېزا قىزى. ئۇ كىشىلىك ھاياتتا چىنلىق ۋە ياخشىلىققا تەلپۈنىدۇ، لېكىن ساختىلىق ۋە ياۋۇزلۇقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىمايدىغان كۈنى يوق. ئۇ ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغىنىدا، ئېسارنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، يەنە جامائەتچىلىكنىڭ سۆز - چۆچەك قىلىشىغا ئۇچراپ، ناپاك، گۇناھكار دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆرۈنگەندە، تىل - ھاقارەتلەر ئۇنىڭغا خۇددى پىچاقتەك سانجىلىدۇ. تېس كېيىن بىر سۈت فېرمىسىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا، كلاي ئىسىملىك يىگىت بىلەن ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدۇ. توي كېچىسى ئۇ ساداقەت ۋە قىزغىن مۇھەببەت يۈزىسىدىن كلايغا ئۆتكەن ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. كلاي ئاڭلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي قائىدە - يوسۇن ۋە ئادەتلەرنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەي، تېسنىڭ كەچۈرمىشىگە ھېسداشلىق قىلماستىن، ئەكسىچە ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ. بىرمۇنچە ئەگرى - توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، تېس قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئېسارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، تېسنى سوت دارغا ئېسىشقا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاپتور بۇ روماننى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئەسەرگە »بىر پاك ئايال« دەپ قوشۇمچە تېمىنى قوشۇپ قويغان، بۇ ئارقىلىق ئاپتور تېسنىڭ بەختسىز تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ۋېكتورىيە دەۋرىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئەخلاقىغا جەڭ ئېلان قىلغان. «نامسىز جۇد» رومانى «دېبورگ ئائىلىسىدىكى تېس» بىلەن ئىگىچە - سىڭىل رومان ھېسابلىنىدۇ. روماننىڭ باش پېرسوناژى جۇدنىڭ تەقدىرى تېس بىلەن ئوخشايدۇ. روماندا جۇدنىڭ تراگېدىيىسى ئارقىلىق، كونا ئادەتلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى ۋە مۇۋاپىق ئارزۇلىرىنى قانداق بوغىدىغانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن، ئۇ چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ۋە روشەن تەنقىدىي تۈسكە ئىگە. خاردىنىڭ رومانلىرى گەرچە قائىدە - يوسۇنلارغا قارشى تۇرىدىغان دېموكراتىك خاھىشلارغا ئىگە بولسىمۇ، يەنە تەقدىرچىلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. «دېبورگ ئائىلىسىدىكى تېس» دە ئاپتور تېس تراگېدىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي سەۋەب بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەخلاقى، قانۇنى ۋە دىنى ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تېسنىڭ بەختسىزلىكىنى بىر خىل سىرلىق كۈچنىڭ ئەخمەق قىلىشىنىڭ نەتىجىسى، دېگەن قارىشى چىقىپ تۇرىدۇ. «نامسىز جۇد» تا يازغۇچى كاپىتالىزمنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقى، قانۇنى، دىنى ئۈستىدىن قانلىق شىكايەت قىلىدۇ، لېكىن جۇدنىڭ نىكاھ تراگېدىيىسىنى تەقدىرنىڭ قىسمىتىگە جورۇيدۇ. بۇلار ئەسەرنىڭ تەنقىدىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى