UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيا ئەدەبىياتىپۇشكىن

پۇشكىن

دۇنيا ئەدەبىياتى پۇشكىن (1799 −1837 - يىللار) روسىيە يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە رۇس ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىجادچىسى. ئۇ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەدەبىي ئىجادىيەت قىلىپ قالماستىن، بەلكى، پۈتكۈل رۇس ئەدەبىياتىنى دۇنيادا شۆھرەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلاتتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى19 - ئەسىر ئەدەبىيات مۇنبىرىنى خۇددى قۇياشتەك يورۇتتى. پۇشكىن موسكۋادىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىك ۋاقتىدا بىر يانچى ئىنىكئانا باققان، دائىم ئىنىكئانىسى ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەرنى ئاڭلىغان، بۇ ئۇنى كىچىكىدىنلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەربىيىسىگە ئىگە قىلغان.12 ياش ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ، ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلىرىدىن دېموكراتىك ئىدىيىنى قوبۇل قىلغان.1812 - يىلى رۇس خەلقى ناپولېئون قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان، بۇ ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھۆرلۈكنى مەدھىيىلەيدىغان، مۇستەبىت زالىم ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرىدىغان بىرمۇنچە شېئىرلارنى يازغان.« ھۆرلۈككە مەدھىيە، چائادايېفقا، يېزا، رۇسلان ۋە ليۇدمىلا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. چار پادىشاھ ئالكساندر بۇنىڭدىن ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، پوشكىننى سىبىرىيىگە سۈرگۇن قىلىشقا بۇيرۇغان. بەزى كىشىلەر ئارىغا چۈشكەنلىكتىن، ئۆزگەرتىپ، ئۇنى جەنۇبىي روسىيىگە سۈرگۈن قىلغان. پۇشكىن1820 - يىلىدىن باشلاپ جەنۇبىي روسىيىدە تۆت يىللىق سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ دېكابىرىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى بىلەن قويۇق باردى - كەلدى قىلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان، يەنە داڭلىق شېئىرى »شەمشەر«نى يېزىپ، خەلقنى يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشقا، زالىم پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشكە چاقىرغان. «مەھبۇس، دېڭىزغا، سىگان، كافكاز تۇتقۇنى» قاتارلىقلاردا ھۆرلۈككە تەشنالىق، يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىگە نەپرەت، خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلىش ئىدىيىۋى كەيپىياتى ئىپادىلەنگەن.1824 - يىلى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى پۇشكىننى مىخايلۇۋېسكى كەنتىگە يالاپ ئاپىرىۋەتكەن، بۇ يەردە ئۇ تارىخنى تەتقىق قىلىپ، خەلققە يېقىنلىشىپ، تارىخىي دراما «بورىس گودۇنوف» نى ئىجاد قىلغان. بۇنىڭدا چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسى دەۋر ئالمىشىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.1826 - يىلى پۇشكىن موسكۋاغا قايتىپ كەلگەن. كېيىنكى يىلى «سىبىرىيىدىكى مەھبۇسلارغا» قاتارلىق داڭلىق شېئىرلىرىنى يازغان.1830 - يىلى مەشھۇر شېئىرىي رومانى «يېۋگېنى ئونىگېن» نى ئىجاد قىلغان، بۇ روسىيە تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان ئەسەر بولۇپ قالغان.1837 - يىلى2 - ئايدا پۇشكىن بىر قېتىملىق دۇئېلدا ئېغىر يارىلىنىپ، بەختكە قارشى ۋاپات بولغان. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئادەم قولى بىلەن تىكلىگىلى بولمايدىغان بىر ئابىدە تىكلىدى. پۇشكىن يەنە نۇرغۇن ھېكايە، نەسر ۋە درامىلارنى يازغان. ئۇنىڭ «بېلكىن قىسسىلىرى» روسىيە ھېكايىچىلىقىنىڭ نەمۇنىسى، بۇنىڭ ئىچىدە «بېكەت باشلىقى» روسىيە ئەدەبىياتىدا كىچىك مەمۇر ياكى شەھەرنىڭ باشقا تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەردىن ئىبارەت «كىچىك شەخس» ئوبرازى يارىتىلغان تۇنجى نادىر ئەسەر. پوۋېست «كاپىتان قىزى» دا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى پۇگاچيۇفنىڭ ئوبرازى يارىتىلىپ، روسىيە ئەدەبىياتىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى قەھرىمانىنى مەدھىيىلەشنىڭ يولىنى ئاچتى. شېئىرىي رومان «يېۋگېنى ئونىگېن» پۇشكىننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئەسەردە ئونىگېن بىلەن تاتىيانانىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى يىپ ئۇچى قىلىنىپ،19 -،20 - ئەسىرلەردىكى روسىيىنىڭ رېئال تۇرمۇشىنىڭ كارتىنىسىنى كەڭتاشا سىزىپ بېرىپ، «رۇس تۇرمۇشىنىڭ قامۇسى» دەپ ئاتالدى
← بارلىق تېمىلار دۇنيا ئەدەبىياتى
پۇشكىن | UyghurWiki | UyghurWiki